تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى| «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى»نىڭ 3-سائەتلىك دەرسى باشلاندى سارايغا كىرىپ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى»نىڭ 3-سائەتلىك دەرسىنى ئۆتتى. «ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئۆتۈش» سانسىزلىغان جۇڭگولۇقنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى كىشىنى چەكسىز ئىپتىخارلىققا چۆمدۈرىدۇ.

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىسى جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى»نىڭ 3-سائەتلىك دەرسىنى ئۆتمەكتە، بۇ شېنجوۋ 14-نومۇرلۇق ئۇچۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چېن دۇڭ، ليۇ ياڭ، سەي شۈجېنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا تۆت ئايدىن ئارتۇق ئالەم بوشلۇقى تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئ‍ۆتۈشى ھېسابلىنىدۇ. (سىن كەسمە سۈرىتى)

  «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئالاقىدار كۆرگەزمە بۇيۇملىرى، كۆرگەزمە تۈرلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ يادرولۇق بۆلۈمچىسىنىڭ چوڭ تۈۋرۈك بۆلىكى مودېلى، چاڭجېڭ 5-نومۇرلۇق راكېتا مودېلى، شېنجوۋ 12-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسى، ھەربىر كۆرگەزمە بۇيۇمى، ھەربىر سىن كۆرۈنۈش ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، زور ئىلھام بەردى.

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ سىرتقى كۆرگەزمە رايونىدا جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ يادرولۇق بۆلمىسى چوڭ تۈۋرۈك بۆلىكىنىڭ مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ سىرتقى كۆرگەزمە رايونىدا چاڭجېڭ 5-نومۇرلۇق راكېتا مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. چاڭجېڭ 5-نومۇرلۇق راكېتا ئېلىمىزنىڭ تۇنجى چوڭ تىپتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق توشۇغۇچى راكېتاسى بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئاينى تەكشۈرۈش، مارسنى تەكشۈرۈش، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇشىغا ئاساس سالغان، ئۇ ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى توشۇغۇچى راكېتا پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ مەركىزىي ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىدا شېنجوۋ 12-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ مەركىزىي ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىدا جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بۆلمىسىنىڭ سىرتىدا كىيىدىغان ئالەم قاتنىشى كىيىمىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېكرانىنى كۆرمەكتە.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ مەركىزىي ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىغا 0202-يىلى 5-ئايدا ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسى سىناق كېمىسىگە ئېلىپ چىقىلغان پارتىيە بايرىقى قويۇلغانىدى.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ مەركىزىي ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىدا «ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش» بۆلىكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. بۇ بۆلەك ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ مەركىزىي ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى «چىجى ناملىق» غايەت زور پاراخوت مودېلىنىڭ يەلكىنىدە نامايان قىلىنغان «ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى» بۆلىكى (10-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان). بۇ بۆلەكتە ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىندى.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ گۇاڭدۇڭ بۆلىكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. كۆرگەزمە سۇپىسىغا بىر ئالەم قاتنىشى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچىقى قويۇلغان. بۇ مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق «تيەنجوۋ 2-نومۇرلۇق» بىلەن جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا كىرگەن بولۇپ، ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەن تۇنجى ئالەم بوشلۇقى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچىقى ھېسابلىنىدۇ.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچى «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ ھەمتۈرتكە كۆرگەزمە رايونىدا VR تېخنىكىسى ئارقىلىق جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئىچكى مۇھىتىنى ھېس قىلماقتا.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.