ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو
10- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئېغىر شال باشاقلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېگىلىپ تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى چوڭباش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى كۈرەش مەمەتنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق ئەكس ئەتتى: «بۇ يىل ئائىلىمىز يەنە 15 مو يەرگە شال تېرىدۇق، ساپ پايدىمىز 24 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.»
2006- يىلى، پىلال يېزىسى شىنداۋ 11- نومۇرلۇق سورتنى سىناپ تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. شال تېرىشنى كېڭەيتىشنى باشلاپ، ھوسۇلى يىلدىن يىلغا تەدرىجىي ئاشتى. بۇ يىل، چوڭباش كەنتىدە 1530 مو يەرگە شال تېرىلدى.
ھوسۇل ئالغان شالنى يەنە ياخشى باھادا سېتىش كېرەك. پىلال يېزىسىدىكى ئاقتۇ ناھىيە چۈەنشۈي گۈرۈچ يېزا ئىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندە، ئىشچىلار گۈرۈچ پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىۋاتاتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلار تېرىغان شالنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ، پىششىقلاپ گۈرۈچ ئىشلەپ، توردىكى سودا شەھەرچىسى ئارقىلىق گۈرۈچنى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە ساتىدۇ.
2020- يىلى، پىلال يېزىسىدا تېرىلغان گۈرۈچ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «تور بىلەن ئۇچراشتى». شۇ يىلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش سۇپىسىغا تايىنىپ، گۈرۈچ سېتىش مىقدارى 16 مىڭ 300 كىلوگىرامغا يەتتى. 2021- يىلى، گۈرۈچ تېخىمۇ كۆپ تور سېتىش سۇپىسىغا كىرىپ، سېتىلىش مىقدارى ئېشىپ 185 مىڭ 600 كىلوگىرامغا يەتتى، سېتىش سوممىسى 1 مىليون 230 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى چوڭباش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى شال ئورماقتا. سۈرەتنى پىلال يېزىسى تەمىنلىگەن
«ھەمكارلىق كوپىراتىپى 30 كىشىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شال تېرىپ قىلغان كىرىمنى قوشقاندا، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئائىلە كىرىمى 24 مىڭ يۈەن بولدى.» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئەسقەر ناسىر مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شال تېرىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە شال پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدى، يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 1500 توننىغا يەتتى، ھەمدە «پامىر قار گۈرۈچى» گۈرۈچ ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇردى، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئورگانىك يېمەكلىك، دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلات ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى.
پىلال يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ كەي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، پۈتۈن يېزىدىكى سەككىز كەنتتە 10 مىڭ موغا يېقىن شال تېرىلدى، بەش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، ئىككى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇلدى.
«1- كەسىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، 2- كەسىپ تۈرتكە بولۇش، 3- كەسىپنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن يېزا بويىچە تەدرىجى ئىستېرېئولۇق تېرىش، بېقىش، ئاشلىق پىششىقلاش، ئېلېكترونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى شەكىللەندى.» دېدى شۈ كەي.