تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى:

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تاماملىغان كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جەمئىي 56 مىليون 263 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىليون 138 مىڭ توننا ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %36.8 بولغان؛ 57 مىليون 676 مىڭ توننا كۆمۈر سېتىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىليون 452 مىڭ توننا ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %36.6 بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاپتونوم رايوندىكى 37 ۋە شىنجاڭ سىرتىدىكى 25 نۇقتىلىق كارخانىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خىمىيە سانائىتى، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ.

ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى ئالاقە تورى + سېتىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، توردا ئالدىن كېلىشىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تەييارلاش، كۆچمە خەۋەرلىشىش تېرمىنالىدا بىللە ئىمزا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پۈتۈن جەريانلىق ئۇچۇرلاشقان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، يىراقتىن 150 نەچچە پارچە كېلىشىمنى ئىمزالىغان بولۇپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

تېمپېراتۇرىنىڭ بىردىنلا تۆۋەنلىشى ھەم پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ شىركەت بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق پار بىلەن تەمىنلەشتە ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر تىرانسپورت يولىنى ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرى بىلەن ئالدىنئالا پار بىلەن تەمىنلەش توختامىنى يىراقتىن ئىمزالاشنى ئۇدۇللاشتۇردى، پار بىلەن تەمىنلەش رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارغا چېتىلدى.

ھەرقايسى توك چىقىرىش كارخانىلىرى كۆمۈر ئىشلىتىشى، جەنۇبىي شىنجاڭدا خەلق تۇرمۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان كاللەك كۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ شىركەت «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىش» تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسىنى ئالدىن پىلانلاپ، كۆپ نۇقتىدىن كۈچ چىقىرىپ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاننىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلمىي تەشكىللەش، ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 30 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كۆمۈرنى قازغاندىن باشقا يەنە، يىراققا توشۇش كېرەك. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى «تاشيول - تۆمۈريول + كارىدور»دىن ئىبارەت تىرانسپورت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كۆمۈر توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدىن سىچۇەنگە كۆمۈر توشۇپ ئاندىن گۇيجوۋ، ئىچكى موڭغۇلغا يەتكۈزۈشنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇردى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلىدى. 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بۇ شىركەت دۆلەت ئېنېرگىيەسى باۋشېن تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»تا پورتقا بارىدىغان مەخسۇس پويىز لىنىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، ئاپتوموبىل، تۆمۈريول، سۇ بىرلەشمە تىرانسپورتى ئارقىلىق، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇپ، پورتقا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش چوڭ ئايلىنىشىغا ئۈنۈملۈك سىڭىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.