تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھار يامغۇرىدەك قەلبلەرنى ياشنىتىش

− يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان . مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى

10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش − باھار يامغۇرىدەك قەلبلەرنى ياشنىتىپ مول مېۋە بەردى» قىسمىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەسەرلىرى ۋە كۆزگەزمە پوكىيىغا تىزىلغان مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. بۇ قىسىمدا سۈرەت، سىن، ئەمەلىي بۇيۇم قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر مەركەزلىك نامايان قىلىنغان. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

مەدەنىيەت ئىشەنچى تېخىمۇ ئۇللۇق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچ بولۇپ، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ. «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى روھ ھېسابلىنىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلب ۋە روھنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلدى. بۇ 10 يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلۇپ، ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئېشىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىنى ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈلدى ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىلدى

بوستانلىقلار يېشىل قاشتاشتەك كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، يېڭى شەھەر خۇددى مەرۋايىتتەك كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى شىخەنزە شەھىرىگە كېلىپ، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

«باش شۇجى بىڭتۇەنگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى، شۇنداقلا بىڭتۇەن تارىخىنىمۇ ئىنتايىن پىششىق بىلىدىكەن.» ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى گەن لىن مۇنداق دېدى: «بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. باش شۇجى بۇ قىممەتلىك بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك، دېدى. بىز مۇزېيدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداپ، بىڭتۇەن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، بىڭتۇەن روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىمىز».

شىنجاڭ بىر قىزىل ئەسلىمىلەرگە تولغان تۇپراق، ئۇنىڭغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ ئىنقىلابىي تارىخى، ئىنقىلابىي ئىش ئىزلىرى ۋە ئىنقىلابىي روھى يۈكلەنگەن، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول قىزىل مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى شەكىللەندۈرگەن.

ئىرادە تىكلەپ روھنى تاۋلاشتا ئېتىقاد ئۇل بولدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشنى قۇدرەتلىك قىممەت يېتەكچىلىك كۈچى، مەدەنىيەت ئۇيۇشۇش كۈچى، مەنىۋى تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار قىزىل مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن ئۈزلۈكسىز پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى قېزىپ، تەسىرلىك ئىنقىلابىي ئىش ئىزلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئىلغار ئىنقىلابىي روھنى ئەۋج ئالدۇردى. خاتىرە سارايلاردا تارىخقا نەزەر سالغاندا، خاتىرە مۇنارى ئالدىدا قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلىغاندا، ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئەتراپىدىكى قەلب سادالىرىغا ئەستايىدىل قۇلاق سالغاندا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىلەرنى قايتا ئەسلەپ، بىر ئۇلۇغ سىياسىي پارتىيەنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ھېس قىلدى.

ئېتىقاد خۇددى مەشئەلدەك ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلدى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركەزلىرىدە چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن مەدەنىيەت بوشلۇقى بەرپا قىلىنىپ، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى يىل بويى قانات يايدۇرۇلۇپ، «ئانار دانىسى» مەدەنىيەت مۇلازىمىتى شۆبە ئەترىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جانلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

2022 - يىلى 6 - ئايغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدا 110 ئاممىۋى كۇتۇپخانا، 117 مەدەنىيەت سارىيى، 58 گۈزەل سەنئەت سارىيى، 246 ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مۇزېي (خاتىرە سارىيى، كۆرگەزمە سارىيى، كۆرگەزمىخانا قاتارلىقلار) قۇرۇلدى، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 11ى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىدىن 91ى، مەدەنىيەت پونكىتىدىن 1130ى قۇرۇلدى.

نەمۇنىچىلار تۈرتكە بولۇپ بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى. ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بىلەن ماس كېلىدىغان مەنىۋى ئېلېمېنتلارنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئىپادىلەش شەكلى بېغىشلاپ، كىشىلەرنى بۇنىڭدىن مەنىۋى تاۋلاشقا ئېرىشىشكە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى خۇددى ھاۋادەك ھەممە جايدا بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، «شىنجاڭلىق ياخشى كىشىلەر» ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى.

پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن شىنجاڭلىق تاغا، 4700 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە مېھىر - مۇھەببەت بىلەن «ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگەن» شىنجاڭلىق ئاكىلار، سومكا تېپىۋېلىپ بار ئاماللار بىلەن ئىگىسىگە ئەۋەتىپ بەرگەن شىنجاڭلىق بوۋاي... ئاددىي - ساددا شىنجاڭلىقلار سانسىزلىغان كىشىنى تەسىرلەندۈردى، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان شىنجاڭ ھېكايىلىرى ھەممە يەرگە تارالدى. بۇ يىل 4 - ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ توردا «ئەتراپىمدىكى ياخشى كىشىلەرنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن» پائالىيىتى باشلاندى ھەم ئانار بۇلۇت تېرمىنالى، تىيانشان تورى، شىنجاڭ مەدەنىيلىك تورىنىڭ «شىنجاڭلىق ياخشى كىشىلەر» مەخسۇس تېمىلىق سەھىپىسىدە مەركەزلىك تەشۋىق قىلىندى ۋە نامايان قىلىندى. بۇ «شىنجاڭلىق ياخشى كىشىلەر»نىڭ كەچۈرمىشى، ھېكايىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن كىشىلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىنى، دەۋر روھىنىڭ گۈزەل ئىخچام كۆرۈنۈشىنى كۆردى.

تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇردى

«شىنجاڭدىكى تاش غار ئىبادەتخانىلىرىنى قوغداش - پايدىلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ <14 - بەش يىل>لىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىرىك پىلانى» «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇزېي ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىق يىرىك پىلان، لايىھەلەر ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىندى؛ ئارخېئولوگىيە قىزغىنلىقى، مۇزېي قىزغىنلىقى قاتارلىق قىزغىنلىقلار پەسەيمىدى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەدرىجىي جەمئىيەتنىڭ ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندى... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئارخېئولوگىيە، مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي خىزمەتچىلىرى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىگە دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش، تەقدىرداش مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، چۈشەندۈردى. شىنجاڭ تۇپرىقىدا ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىياپىتى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، پارلاق ئۆتمۈشى، چاقناپ تۇرغان بۈگۈنى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولۇپ كەلگۈسىگە ئاتلاندى.

ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىقتىن ھالقىپ، چوڭقۇر ئورمان، چۆللۈككە بېرىپ، «ئارخېئولوگىيەلىك جۇڭگو»دىكى مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى تارىختىن بۇيانقى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقى ۋە ئىدارە قىلغانلىقىنى دەلىللەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم ئىلمىي تىرەك شەكىللەندۈردى؛ جېمىنەي توڭتيەندۇڭ خارابىسى، گۇچۇڭدىكى شىچېڭزى خارابىسى، لوپنۇر قىياق قۇدۇق تۇر خارابىسى... جۇڭگو شىنجاڭدىن كەلگەن تۈرلۈك ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرى دۇنياغا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ يىراق تارىخىي ئوق سىزىقى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تارىخىي كۆرۈنۈشى ھەمدە چوڭقۇر، مول مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى نامايان قىلماقتا؛ 2020 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تارماقلىرى تاش غار ئىبادەتخانىلىرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى تاش غار ئىبادەتخانىلىرى ھەم مويا ھەيكەل خارابىسىدىن جەمئىي 58نى بېكىتىپ، بۇددا دىنىنىڭ غەربىي يۇرتتا تارقىلىش تارىخىنى دەلىللەپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلانغان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى.

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق يېڭى سارىيى «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» ئېچىلدى، كۈندىلىك كۈتۈۋېلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 7000 ئادەم قېتىمغا يەتتى. ھازىر مۇتەخەسسىسلەر «جۇڭخۇا تارىخ سەھىپىسى − دۆلەتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشىغا دائىر ئەمەلىي ئىسپات، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى تەييارلاۋاتىدۇ. بۇ كۆرگەزمىلەر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ئىچكى جايلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي پاكىتىنى نامايان قىلىدىغان سۆز سىستېمىسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتتى.

شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى (شىنجاڭ قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش مەركىزى) پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ساقلاش ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 20 مىڭغا يېقىن قەدىمكى ئەسەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش خىزمىتىنى تاماملىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۇتۇپخانىلاردا ساقلانغان 30 خىلدىن ئارتۇق قەدىمكى ئەسەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاماملىدى ھەم رەقەملەشتۈرۈپ قوغداشنى ئالغا سىلجىتتى. قەغەز يېنىك، نېپىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ھەم قىممەتلىك ۋەزنى مۇجەسسەملەنگەن، مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىگە گۇۋاھ بولغان، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئوزۇقلاندۇرغان.

شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تىرىشىپ جانلاندۇرۇپ، ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيەۋى قاراش، ئادىمىيەت روھى، ئەخلاق ئۆلچىمىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق، تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقىنى موللاشتۇرۇپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتكۈل جەمئىيەتتە تارىخىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا تۈرتكە بولدى.

مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەندۈرۈلۈپ، ئورتاق مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىندى

نادىر ئەسەرلەر ئىجادىيىتى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ يۈكسەكلىكىگە بەلگە سالماقتا. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلىشى، خەلقنىڭ ساداسىدىن ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىپ، «ئېگىزلىك»تىن «يۇقىرى پەللە»گە قاراپ قەدەم تاشلىدى.

سەھنە سەنئىتىدە كونىلىرى چىقىرىپ تاشلىنىپ، يېڭىلىرى يارىتىلدى. ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن»، يۈجۈ تىياتىرى «مەلىكە جيېيوۋ»، ناخشا - ئۇسسۇللۇق تىياتىر «بەن چاۋ»، ئۇسسۇل «ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلار» «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت»... ھەربىر سەھنە ئوبرازى، ھەربىر كىلاسسىك كۆرۈنۈش كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سانسىزلىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، مىللەتنىڭ جاسارىتى، قەھرىمانلار پەزىلىتىنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ئەدەبىي ئىجادىيەت رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى. «گەپ ئەۋەتىش» ناملىق رومان، «يىراقتىكى ئاپتاپپەرەسلىك» ناملىق نەسىر، «غەربىي سەددىچىن سېپىلى» ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات... خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، تۇرمۇشتا يىلتىز تارتقان، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلىگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، راستچىللىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىككە ۋە ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان قىممەت قارىشىنى يەتكۈزدى. «مېھىر - مۇھەببەت تىيانشاننى ئىللىتتى» «ئانارخان» قاتارلىقلار مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن 13 - نۆۋەتلىك «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» «ئالتۇن رەڭ توغراق» 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىدە ئەڭ نادىر تىياتىر نومۇرى مۇكاپاتى ۋە تىياتىر نومۇرىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، «ئۈزۈم پىشتى» ناملىق چىڭچاڭ تىياتىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرىكىنىڭ تىياتىر نومۇرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، «چېگرانى قوغدىغۇچى» «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» «قۇياش نۇرى تىيانشاننى يورۇتتى» «مېھىر - مۇھەببەت تىيانشاننى ئىللىتتى» «ئىشىڭىز بولسا بىزنىڭ شۇجىنى ئىزدەڭ» قاتارلىق بەش ئەسەر مەملىكەت بويىچە «100 يىلدىكى 100 ئەسەر» سەھنە ئەسىرى نادىر ئەسەرلەر ئىجادىيىتى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ئەسەرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى...

«تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش»تا تۇرمۇش ئۆگىنىپ ئىجاد قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلدى. سەنئەتكارلار خەلقنى ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىدىيەۋى مايىللىقى ۋە ھېسسىياتىنى خەلق بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇپ، دەۋر ۋە خەلقنى كۈيلىدى.

«1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ۋېي دېيوۋنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان مۇزىكىلىق دىراما «چېگرا قوغدىغۇچى»، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان دىراما «بەخت ئىشىك چەككەندە»، گۈزەل شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى ۋە ئىتتىپاقلىق ھېكايىسى نامايان قىلىنغان چالغۇلۇق تىياتىر «تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى»، يېزا - كەنت ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھېكايىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلۈك ناخشا - ئۇسسۇللۇق لەپەر «ئاۋات خوتەن ئاشخانىسى» قاتارلىقلار ئىجاد قىلىندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كۆزىتىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئويلىنىشىدىن كەلگەن.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش كۈچەيتىلدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى زامانىۋى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈلۈپ، ھازىرقى زامان قىممىتى نامايان قىلىنىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى يېتىلدۈرۈلۈپ، مىللەت روھى مۇجەسسەملەندى.

كوئېنلۇن تېغى باغرىدىكى مەكتەپ ھويلىسىدا ئەجدىھا، شىر ئۇسسۇلى ئوينالدى، يەكەن دەرياسى بويىدىن دولان مۇقامى ساداسى ئاڭلاندى، ئالتاي تېغى ئېتىكىدە شادىيانە دومبىرا ئاۋازى ياڭرىدى، باركۆل يايلىقىدا جۇشقۇن قارا يورغا ئۇسسۇلى ئوينالدى... ئاپتونوم رايونىمىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئائىت نىزام چىقىرىپ قوغداش خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى، مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش چارىلىرىنى تۈزۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، مول ئادىمىيەت ئوزۇقى ۋە رېئال قىممىتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ قىممەتلىك بايلىقلارنى تېخىمۇ جۇلالىق نۇر چاچقۇزدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مەدەنىيەت چوڭ ھويلىلىرى، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مەدەنىيەت كەسىپلەر باغچىلىرى، رەقەملىك كۇتۇپخانىلار، بۇلۇت تېرمىنالى مۇزېيلىرى خۇددى دانە - دانە مەرۋايىتتەك شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى زىننەتلىدى.

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە، قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇدى. «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش كېرەك.» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم مەدەنىيەت ئىشەنچى بىلەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.