تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 10- ئاينىڭ 11- كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 40ى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 225ى يېڭىدىن كۆپەيدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىلگىرى دوكلات قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 4ى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىمىگو رايونىدا 2سى، مىدۇڭ رايونىدا 1ى، چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەردىن 1ى بار. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 40ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تىيانشان رايونىدا 22سى، سايباغ رايونىدا 4ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 2سى، شىمىگو رايونىدا 6سى، مىدۇڭ رايونىدا 6سى بار. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 225ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تىيانشان رايونىدا 40ى، سايباغ رايونىدا 39ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 29ى، شىمىگو رايونىدا 42سى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا 28ى، مىدۇڭ رايونىدا 47سى بار. ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلار، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇلۇۋاتقان ئورۇنلار ۋە مەھەللىلەردىكى خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان، دەرھال بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، دەل جايىدا باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، مۇھىتنى ئاخىرقى ئۇچ ئۆلچىمىدە دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتى تېزدىن ئالغا سىلجىتىلماقتا.

  چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 1ى ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى چېگرادىن كىرگەن نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى خادىملار بولۇپ، چېگرادىن كىرىپ يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئالاقىدار باشقۇرۇش- تىزگىنلەش تەدبىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 1سى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، تىيانشان رايونىدىكى ئاغرىق مىسالى.

  يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە كەسكىن، مۇرەككەپ بولدى. مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلىپ، ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇن تارقىلىش زەنجىرى تېخى ئۈزۈل- كېسىل ئۈزۈۋېتىلمىدى، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ- خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم ئۈستىدىن ئۈزۈل- كېسىل غەلىبە قىلىشقا يەنە بىر جەريان كېتىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلدى. كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلارنىڭ خەۋپ- خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشنى كۈچەيتىشىنى، بولۇپمۇ خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئالغۇزۇش جەريانىدا، ئاڭلىق ھالدا بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاپ، N95 قاتارلىق ھىم ئېتىلىدىغان ماسكىلارنى ئۆلچەملىك تاقىشىنى سورايمىز. ئائىلىدە تۇرغاندا دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، قولنى پات- پات يۇيۇش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇش، ئائىلىدە دېزىنفېكسىيە قىلىش كۆرسەتمىسى بويىچە، ھەر كۈنى ھاجەتخانا، ئاشخانا قاتارلىق ھاۋا يولى، ئەۋرەز يولى بار ئورۇنلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش لازىم؛ ئائىلىدە تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆي ئىچىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار، ئاقىلانە، تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك. بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى چوقۇم بالدۇرراق قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.