تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

10- ئاينىڭ 11- كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 2سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 23ى يېڭىدىن كۆپەيدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 10- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 2سى يېڭىدىن كۆپەيدى، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايوندىكى خادىملارنى خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 23ى يېڭىدىن كۆپەيدى، مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلاردا خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان، بەلگىلەنگەن فاڭساڭ دوختۇرخانىسىغا يېپىق ھالقىسىمان يۆتكەپ توشۇپ ئاپىرىلىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

  نۆۋەتتە، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، مۇناسىۋەتلىك سورۇنلارنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش ۋە مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.