تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چوڭ قەدەم بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش چۆرىدىلىپ، كۈچ مۇجەسسەملىنىپ شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىكى، باغ ـ ئورمانچىلىق كەسپى ۋە چارۋىچىلىق كەسپى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىر تۈركۈم شىنجاڭدا ئىنچىكە پىششىقلانغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چوڭ قەدەم بىلەن پۈتۈن مەملىكەت چوڭ بازىرىغا يۈزلەندى.

سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ خۇش ھىدى پۈتۈن مەملىكەتكە تارالدى

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ سىرتىدىكى چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرى، تاللا بازارلىرى ۋە مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدا شىنجاڭنىڭ كالا سۈتى، تۆگە سۈتى قاتارلىقلاردىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى.

«شىنجاڭنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە بازار ئېچىش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ تيەنرۇن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى مەملىكەت بويىچە بازار تورى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ شىركەتنىڭ شىنجاڭ سىرتىغا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سوممىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40تىن كۆپرەككە يەتتى.

شىنجاڭ سۈتچىلىك كەسپى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاۋ ۋېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ دۇنيادىكى قىممەتلىك سۈت مەنبەسى بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەيدانى مۇھىتىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىيۈچۇن، تيەنرۇن، شىننۇڭ، خۇايۈەن قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆگە سۈتى، ئېشەك سۈتى، قوي سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارمۇ پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلىنىپ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، زەنجىرسىمان دۇكانلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى.

شىنجاڭ ۋاڭيۈەن تۆگە سۈتى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى 2007 ـ يىلى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە ماكانلاشقان، ھازىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 2500دىن ئارتۇق مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىپ، تۆگە سۈتى، تۆگە سۈتى پاراشوكى، تۆگە سۈتى گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋاتىدۇ.

«تۆگە سۈتىنى يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى، بىز بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۆگە سۈتىنى يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، يېڭى تۆگە سۈتىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى يەتتە كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىتتىن 180 كۈنگە ئۇزارتىپ، تۆگە سۈتىنى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سالدۇق.» شىنجاڭ ۋاڭيۈەن تۆگە سۈتى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى كۇرسلۇق مەھسۇلات مەركىزىنىڭ باش نازارەتچىسى لى جېنپىڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز يەنە تۆگە سۈتى پاراشوكىنى توڭلىتىپ قۇرۇتۇش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاكتىپ تەركىبلەرنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، مۇستەقىل ئىجاد قىلغان ھۈنەر ـ سەنئەت ئارقىلىق تۆگە سۈتىنى تۆگە سۈتى پاراشوكى قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى ئاشۇردى.

نۆۋەتتە، ۋاڭيۈەن تۆگە سۈتچىلىكى ئىشلەپچىقارغان تۆگە يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭ سىرتىدا سېتىش سوممىسى كارخانا ئومۇمىي سېتىش سوممىسىنىڭ %70ىنى ئىگىلىدى.

مېۋە ـ چېۋە، كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى

شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە داڭلىق لازا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، ھازىر لازىدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل. گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى تېرىقچىلىق بازىسىدا، شىنجاڭ شىئېردەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى لازا يىغىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۇنى قۇرۇتۇپ لازا قىيامى پىششىقلاشنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىدۇ.

«شىئېردەن شىركىتى كۈنىگە بوتۇلكىلىق لازا قىيامىدىن 40 مىڭ ئەتراپىدا، خالتىلىق لازا قىيامىدىن ئۈچ توننا ئەتراپىدا ئىشلەپچىقىرىدۇ، 12 يۈرۈش، 50 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى سودا سارايلىرى، تاللا بازارلىرى، يېمەك ـ ئىچمەك كارخانىلىرىنى تەمىنلەيدۇ، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلاردا سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50كە يېتىدۇ» دېدى شىنجاڭ شىئېردەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېڭ خۇا.

1996 ـ يىلىدىن باشلاپ سەۋزە شەربىتى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان شىخەنزە تەرەققىيات رايونى شېننېي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى پەن ـ تېخنىكىنى تىرەك، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس مېۋە ـ كۆكتات ئىچىملىكلىرىنى ئېچىشنى چۆرىدەپ يېتەرلىك كۈچ چىقاردى. نۆۋەتتە سەۋزە شەربىتى بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ قاتارلىق 11 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە سېتىلدى، شىنجاڭ سىرتىدا سېتىلىش سوممىسى كارخانا ئومۇمىي سېتىش سوممىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىدى.

شېننېي يېمەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يىن جۈنتاۋ مۇنداق بىلدۈردى: «شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان سەۋزە شەربىتى، توقاچ شاپتۇل شەربىتى ۋە شوخلا شەربىتى <يېشىل يېمەكلىك> ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىشكە ئاساس سالدى».

شىنجاڭنىڭ ئۆرۈكلۈك كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۆرۈكتىن ئۆرۈك قېقى، ئۆرۈك مۇرابباسى پىششىقلاپ پۈتۈن مەملىكەتكە ساتىدۇ. «2018 ـ يىلىدىن ئىلگىرى، بىز پەقەت ئۆرۈكنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلىيالايتتۇق، ھازىر ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆرۈكنىڭ ھەممە يېرىدىن تولۇق پايدىلىنالايدىغان بولدۇق، جۈملىدىن ئۇرۇقچا شاكىلىدىن پايدىلىنىپ ئاكتىپلاشقان كاربون ياسىيالايدىغان بولدۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ يۈچيەن.

بۇ شىركەت قەشقەر، خوتەن ئىككى جايدىكى 190 ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئۆرۈكنى يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 10 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، مەھسۇلاتىنىڭ %70ى شىنجاڭ سىرتىغا سېتىلىدۇ. %10ى ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

جىغاننىڭ ساقلىقنى ساقلاش قىممىتى كەڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ جىغان كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. 2018 ـ يىلى ئاقچى ناھىيەسىگە ماكانلاشقان شىنجاڭ جۇڭكې جىغان پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھازىر سەككىز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە سىغىمچانلىقى 2000 توننا كېلىدىغان يېڭى پېتى ساقلاش، توڭلىتىش ئىسكىلاتى بار، يىللىق جىغان پىششىقلاش ئىقتىدارى 5000 توننىغا يېتىدۇ.

«بىز جىغان يىغقاندا شېخى بىلەن سېتىۋالىمىز، ئاندىن شاخنى نۆلدىن تۆۋەن 38 سېلسىيە گىرادۇسلۇق شارائىتتا تېز توڭلىتىپ، جىغان مېۋىسىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكىگە، پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشتا خام ئەشيا يېتەرلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» جۇڭكې جىغان شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ تۇڭخۇا مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز يەنە 35 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ، تۆت چوڭ يۈرۈش بويىچە 18 خىل جىغان مەھسۇلاتىنى ئاچتى، بۇلار ئەسلىي شىرنىلىك ئىچىملىك، سۇيۇق دورا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون نەچچە شەھەردە سېتىلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ سىرتىدا سېتىش مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60كە يەتتى. 2021 ـ يىلى بۇ شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسى 23 مىليون 890 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل 36 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

زەنجىر ئۇزارتىلىپ، زەنجىر كېڭەيتىلدى، بازار تېخىمۇ كېڭەيدى

تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ بىرى. «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئۈزۈم ھارىقى كەسپى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، كىچىك ھاراقچىلىق قورۇقى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. سىياسەت شەرق شامىلىغا تايىنىپ، قۇتۇبى ناھىيەسى شىيۈ شىڭيې يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 1500 مولۇق ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، تاڭدۇن ليېيەن ماركىلىق يۈرۈشلۈك دىستىللەنگەن ھاراق ئىشلەپچىقىرىپ، ھەر يىلى فۇجيەن، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلارغا 400 مىڭ بوتۇلكا ساتتى.

بىڭتۇەن 8 ـ شى 143 ـ تۇەننىڭ توقاچ شاپتۇلى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، يېڭى توقاچ شاپتۇلنىڭ سېتىلىش مىقدارى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، لېكىن شىنجاڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يىنشياڭ ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى توقاچ شاپتۇلدىن ھاراق ئېچىتىپ، بازاردا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.

«بىز گۇيجوۋنىڭ ماۋتەي بازىرىغا بېرىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ ھاراق ئېچىتىش ھۈنەر ـ سەنئىتىنى كىرگۈزۈپ، مېۋە ئېچىتقۇسى بىلەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاراق ئېچىتقۇسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېچىتىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، خۇشبۇي مېۋە پۇرايدىغان، تەمى ئىچىشلىك بولغان توقاچ شاپتۇل ھارىقىنى ئىشلەپچىقاردۇق، توقاچ شاپتۇل ھارىقىنى قانچە ئۇزاق ساقلىسا قىممىتى شۇنچە ئاشىدۇ.» شىنجاڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يىنشياڭ ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش نازارەتچىسى ۋاڭ يىجيې مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە شىركىتىمىز يىلىغا 8000 توننا ئەتراپىدا توقاچ شاپتۇل ھارىقى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇنىڭ %70 ـ %80ى بېيجىڭ، شاڭخەي، شيامېن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ ئوبوروتى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە جەمئىيەت باشلىقى يىن مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭ خاس كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەسلىدىكى ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭنىڭ ماركىلىق مەھسۇلاتى قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ، تېز بەرپا قىلىنغان «ئىككى تور»، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، تۈرلۈك كۆرگەزمە قاتارلىقلار ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.