تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسەت راۋان، خەلق ئىناق بولغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى

− يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان . سىياسىي قۇرۇلۇش

10 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، پارتىيەلىك پىدائىيلار دېھقانلارنىڭ كىچىك لازا يىغىشىغا ياردەم بەرمەكتە. نۆۋەتتە، چۆچەك شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى يۈەنيى مەھەللىسىدىكى 500 مو يەردىكى كىچىك لازا ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، بۇ مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىچىك لازىنى ۋاقتىدا ئۈزۈپ بازارغا سېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.□ ۋېن بو فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

«بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى. بۇنىڭ ئىچىدە، سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەگە ئايلاندۇرۇش تەكىتلەندى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭدى، بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا سىياسەت راۋان، خەلق ئىناق، تىنچ ـ تەرتىپلىك بولغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى.

پارتىيەنىڭ باشتىن ـ ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى يېيىلغان كەنتى بىرنەچچە يىل ئىلگىرى يېزا ـ بازار كادىرلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان «ئارقىدا قالغان كەنت» ئىدى: %60 كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشى نامراتلىق سىزىقىدىن تۆۋەن ئىدى، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنى ھەمىشە تولۇق سەپلىگىلى بولمايتتى، پارتىيە ئىشلىرى، كەنت ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى قېلىپلاشمىغانىدى...

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقى كۈنسېرى كۈچىيىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەخمەتجان ئەيسا مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتىمىزنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى سىجىل ئاشتى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى.

پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلاتتىن كېلىدۇ، تەشكىلىي قۇرۇلۇش پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىققىلى، كۈچلۈك قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاجىز نۇقتا، بوش قالغان نۇقتىلارنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، تەشكىلىي ئۇچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، ياچېيكىنى ئورگان ـ مەكتەپ، يېزا ـ مەھەللە، چەت ـ ياقا چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا قۇرۇپ، تۈر بىرىنچى سېپى، كان رايونى ـ كارخانا، بىنا ـ سودا چەمبىرەكلىرىدە قۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرى قەيەرگىچە تەرەققىي قىلسا، تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە بايرىقىنى ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ـ ياخشى ئىشلىيەلمەسلىكنىڭ ئەڭ تۈپ نېگىزى پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولغان ـ بولمىغانلىقىدا.

مەيلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بولسۇن ياكى ئاممىنى يېتەكلەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىش بولسۇن، خەتەرلىك ـ قىيىن پەيتتە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ھەمىشە ئەڭ ئالدىدا ماڭىدۇ؛ ئاچقۇچلۇق پەيتتە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ھەمىشە ئەڭ ئاخىرغىچە چىڭ تۇرىدۇ. بۇ پارتىيەمىزنىڭ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولۇشىنىڭ رېئال كارتىنىسى.

يېقىندا، شىنجاڭ سىرتقا ئېلان قىلغان كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالدى: تىنچ ـ ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى 2012 ـ يىلىدىكى %87.58تىن ئېشىپ 2021 ـ يىلىدىكى %99.14كە يەتتى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇندىن 81ى بەرپا قىلىندى؛ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى سىجىل ئاشتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 827 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2012 ـ يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى؛ خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2012 ـ يىلىدىكى 12 مىڭ 151 يۈەندىن ئېشىپ، 2021 ـ يىلى 26 مىڭ 75 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.9 ئاشتى...

شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەربىر تۈرلۈك نەتىجە، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەربىر قەدەم ھالقىش، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ.

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىگە تۈرتكە بولۇش

2022 ـ يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى كۆپ قېتىم قاراپ چىقتى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، كۆپ قېتىم ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلدى، بۇلار شىنجاڭ تارىخىدىكى مەڭگۈلۈك دەقىقە بولۇپ قالدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، خەلقنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇشى مول ۋە رەڭدار بولدى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللەشتى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 104 يەرلىك نىزامنى تۈزۈپ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىنى قوغداشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ھالبۇكى، يېڭى ئەھۋال، يېڭى تېمىلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىش كۈنسېرى كۆپەيدى.

نازارەتچىلىك خىزمىتىدە شەكىلدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تور سىرتىدا سوئال سوراش، توردا سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىنى تۇنجى قېتىم ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغىچە كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش ئېلىپ باردى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يەنە ئۇدا ئۈچ يىل «قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش + تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش + ئىز بېسىپ كۆزدىن كەچۈرۈش + كەسپىي باھالاش + مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش + رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش» ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ تولۇق بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ «خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش» بويىچە 100 نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۆھبەت يىغىنى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم تەدبىر.

يوپۇغا ناھىيەلىك، يەكشەنبەبازار بازارلىق ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جوۋ ليەنخۇا بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك رولۇمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى بېرىمەن».

كېڭىشىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلگىلى، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. «بار مەسلىھەت ئىش قىلىش» جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جۇغلانمىسى، شۇنداقلا كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىپادىلىنىش شەكلى.

«ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ئۆستۈرۈش» «<ئاقىل تاموژنا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چېگرا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا بەھرىلىنىش> قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش»... 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 21 ـ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» توغرىسىدىكى قارالمىنى چۆرىدەپ پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولىلىق ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچقاندىن سىرت، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يەنە دىققەتنى مەھەللە ئىدارە قىلىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، يېزا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تۇنجى قېتىم مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، ساھەلەر كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى... ئاچتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش شەكلى ئۈزلۈكسىز بېيىدى.

ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىلدى، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ چىقىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرلىك سېپى ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىش باش تېمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى، بىرلىك سەپتە ئىتتىپاقلىشىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىش، جانلىنىشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاش

«شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت <ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار>نى چىڭ تۇتۇش» «شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش» «بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش»...

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىنى قوغداپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم تاشلىدى: تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىققا، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغدىدى...

2 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2022 ـ يىللىق 2 ـ قېتىملىق يىغىنى ھەم قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن باشلاپ 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك جەمئىي 128 مەيدان قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئاچتى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» سۈپىتىدە، قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتى ئارقىلىق قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ 2022 ـ يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرىنى بېسىپ تارقىتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق ئاساسىدا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلاندى، تەدبىر چىقاردى، ئىش بېجىردى. كادىرلار قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى تەتبىقلاپ خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

«يولى توغرا كېلىپ قالغان ئاپتوموبىلغا ھەقسىز ئولتۇرۇپ يارىلانسا، شوپۇر تۆلەم تۆلەمدۇ؟ بالىغا بېرىلگەن بايراملىق پۇلنى ئۆزى ساقلىسا بولامدۇ؟ بىز بىلەن بىللە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ئۆگىنىڭ!» بۇ يىلقى «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى تەشۋىقات ئېيى»دا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئاممىنىڭ ئەتراپىغا يەتكۈزدى، ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردى.

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىلا ئەمەس، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلىملىرى قاتارلىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتىمۇ پۈتۈن شىنجاڭدا ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلدى، ئاممىغا يېقىن جانلىق مىساللار بىلەن قانۇننى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ قانۇننى بىلىدىغان، قانۇننى چۈشىنىدىغان، قانۇننى تەتبىقلايدىغان بولدى، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلايدىغان، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان ئىدىيە كۈنسېرى كۈچەيدى.

قانۇنچىللىق گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، قانۇنچىللىق كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، قانۇنچىللىق كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇق، قانۇنچىللىق ئېڭى تېخىمۇ كۈچلۈك بولماقتا، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلماقتا.

كۈرەش تارىخنى يارىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش كەلگۈسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ، دېموكراتىك ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.