تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

10- ئاينىڭ 10- كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 5ى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 37سى يېڭىدىن كۆپەيدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 10- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 5ى يېڭىدىن كۆپەيدى، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق خادىملار، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايوندىكى خادىملارنى خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 37سى يېڭىدىن كۆپەيدى، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق خادىملار، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلاردىكى خادىملار، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن رايونلاردىكى خادىملارنى خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان، يۇقىرىقى خادىملارنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يېپىق ھالقىسىمان يۆتكەپ توشۇپ ئاپىرىلىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

شۇ كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 10ىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

10- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 24كىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىدا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 13، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 185.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.