تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

10- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 55ى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 222سى يېڭىدىن كۆپەيدى

10- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 55ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تىيانشان رايونىدا 21ى، سايباغ رايونىدا 7سى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 18ى، شىمىگو رايونىدا 3ى، مىدۇڭ رايونىدا 6سى بار. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 222سى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تىيانشان رايونىدا 38ى، سايباغ رايونىدا 51ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 34ى، شىمىگو رايونىدا 30ى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا 25ى، مىدۇڭ رايونىدا 44ى بار؛ خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلار، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇلۇۋاتقان ئورۇنلار ۋە مەھەللىلەردىكى خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان، دەرھال بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، دەل جايىدا باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، مۇھىتنى ئاخىرقى ئۇچ ئۆلچىمىدە دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتى تېزدىن ئالغا سىلجىتىلماقتا.

چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇ كىشى چېگرادىن كىرگەن نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى خادىم بولۇپ، چېگرادىن كىرىپ يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئالاقىدار باشقۇرۇش- تىزگىنلەش تەدبىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1ىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دوكلات قىلىنغان ئاغرىق مىسالى سانى كۆپىيىپ، ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇن تارقىلىپ يامراش خەۋپ- خەتىرى زورايدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ جىددىي، ئەڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈچلىرى خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ باشقۇرۇش- تىزگىنلەش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرماقتا. كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلارنىڭ جەڭگە بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىشىنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا توغرا چۈشىنىپ، قوللىشىنى، ئۆزىگە، ئائىلىسىدىكىلەرگە، قوشنىلارغا، جەمئىيەتكە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىنى، مەركەزلىك ئايرىش، ئائىلىدە ئايرىش، ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، خېسۇەن تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ماسلىشىشىنى سورايمىز. ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتى، ئالاھىدىلىكى ھەم ئۇنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي ئائىلىدە خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش، زۆرۈر بولمىسا سىرتقا چىقماسلىق، بىنادىن چۈشۈپ خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئالغۇزغاندا چوقۇم ئۆزىنى ياخشى قوغداش، N95 ماسكىسىنى ئۆلچەملىك تاقاپ، بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش، توپلىشىۋالماسلىق، قۇرۇق پاراڭ سېلىشماسلىق، نەق مەيدان تەرتىپىنى ئاڭلىق قوغداپ، نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەۋرىشكە ئالغۇزۇشنى تەرتىپلىك تاماملىغاندىن كېيىن دەرھال ئايرىلىش، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش ئىممۇنىتېت توسۇقى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.