تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش

− يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان . ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش

قومۇلغا جايلاشقان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 - لىنىيەسىنىڭ 2 - بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى (10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). نۆۋەتتە، بۇ تۈر تۇرۇبا كەپشەرلەش قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا. □ لى يۈەن فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەممە بەس - بەستە ئالغا قاراپ باتۇرلارچە ئىلگىرىلىدى؛ 10 يىلدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى: 2021 - يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، 2012 - يىلىدىكى 740 مىليارد يۈەندىن بىر ھەسسە قاتلاندى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى؛ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

10 يىلدا، شىنجاڭ مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلدى ۋە سىڭىشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بولدى، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەمەلدە كۆرسىتىلدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملەندى

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«مۇقىملىق»نىڭ ئاساسى پۇختىلاندى، «ئىلگىرىلەش»نىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۇرغۇتۇلدى. 10 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالغا سىلجىتىلدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، كېۋەز كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلى، تاۋارلىشىش مىقدارى ئۇدا مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بويىچە ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى سىجىل ئۆستى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈنۈملۈك سېلىنما پائال كېڭەيتىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى سىجىل زورايتىلدى، ئىستېرېئولاشقان قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلدى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ پۈتتى، ئۇل ئەسلىھە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

بىر قاتار مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ پۈتۈشى ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى «كەمتۈكلۈك»نى تولۇقلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

مۇشۇ ئاساستا، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنىڭ سالمىقى سىجىل زورايتىلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلدى، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنى كۈنسايىن گەۋدىلەندى، شىنجاڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى تېخنىكىلاردا مەملىكەت بويىچە ئالدىدا ماڭدى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخىمۇ مۇھىمى سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشى كېرەك. شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنى يېشىل ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆمۈر، پولات - تۆمۈر، سېمونت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا قارىتا كەسكىنلىك بىلەن «ياق» دېدى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2021 - يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 598 مىليارد 365 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، 2012 - يىلىدىكىنىڭ 2.16 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، %91.6 ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.5 ئاشتى.

شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلەندى. 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلەتتى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سالمىقىنىڭ زورلۇقى، ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى، نەپكە ئېرىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى. 2012 - يىلىدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى تېز ئاشتى، بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2012 - يىلىدىكى 12 مىڭ 151 يۈەندىن كۆپىيىپ 2021 - يىلىدىكى 26 مىڭ 75 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.9 ئاشتى، خەلق ئاممىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

كەسىپلەر تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويدى

خاس ئەۋزەللىك تېخىمۇ گەۋدىلەندى

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «ئىلگىرىلەش» ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتۇشتا، كىرىش ئېغىزىنى توغرا تېپىش زۆرۈر.

شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە قېزىلما بايلىقى مول، ئايلاندۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تېز تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، نېفىت خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، رەڭلىك مېتال، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقى كەسىپلىرىنى تىرەك، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتەكچى قىلغان زامانىۋى سانائەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

بولۇپمۇ «سانائەتنىڭ ئوزۇقى ۋە قېنى» دەپ تەرىپلەنگەن نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى ئۆتكەن 10 يىلدا چارلاپ تەكشۈرۈپ ئېچىشنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىردى، ئاپتونوم رايون بويىچە جۇڭغار، تارىم ۋە تۇرپان - قومۇلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شەكىللىنىپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى شىنجاڭنىڭ مۇھىم يېتەكچى كەسپىگە ئايلاندى.

10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت - تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت - تەبىئىي گازنى كۆلەملىك ئېچىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

فۇمەن نېفىتلىكى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر بولۇش، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق بولۇش، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، نېفىت زاپىسىنى تونۇش ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن قىيىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، مۇرەككەپ نېفىت زاپىسىنى بۇرغىلاپ قۇدۇق قېزىش قاتارلىق بىر قاتار تېخنىكىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت - تەبىئىي گازنى چارلاپ ئېچىش تېخنىكىسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىتلىكنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك چارلىشى، ئۈنۈملۈك ئېچىشىنى «تارىم لايىھەسى» بىلەن تەمىنلىدى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، خاس ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى. 2021 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى 500 مىليارد يۈەندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، 2012 - يىلىدىكىدىن %82.7 ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.9 ئاشتى، پولات ماتېرىياللىرى مەھسۇلات مىقدارى، سېمونت مەھسۇلات مىقدارى، ئېتىلېن مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2012 - يىلىدىكىدىن %14.5،%8.7،%26 ئاشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ئىقتىسادىدا تېز ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە سانائەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بويىچە كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، سانائەتنى يېتەكچى قىلغان، مۇلازىمەت كەسپى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئېلاستىكلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى.

ساياھەتچىلىك 3 - كەسىپنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ تېز تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، قاتناش، مېھمانساراي، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، 2021 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 190 مىليون 567 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، 2012 - يىلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپىيىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىدە تېز ئېشىش ئىشقا ئاشتى. شۇ يىلى، شىنجاڭدا ئۈچ كەسىپنىڭ نىسبىتى 47.9: 37.4: 14.7 بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى 2012 - يىلىدىكى «231» تىپىدىن «321» تىپىغا ئۆزگەردى.

3 - كەسىپنىڭ كۈچلۈك تەرەققىياتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ بەردى. 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى 13 مىليون 600 مىڭغا يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن %9.1 ئاشتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىدا 1 - كەسىپتە سىجىل ئازىيىش، 2 - كەسىپتە تەكشى، مۇقىم بولۇشنى ساقلاش، 3 - كەسىپتە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 358 مىليارد 462 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن %77.2 ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.6 ئاشتى، بازار ئىستېمالى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «ئىلگىرىلەش» كۈچىنى تېخىمۇ تولۇقلىدى.

مەۋقە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇلدى

ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى

ئېچىۋېتىش يەلكىنى كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، تەرەققىيات پەيتى يېتىپ كەلدى. رايون ئورنى ئەۋزەللىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم پۇرسەتكە ئايلاندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم، زور پۇرسىتىنى كۈتۈۋېلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا ئايلاندى. شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىدىكى مۇھىم ئورنى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

ھازىر، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى خەلقئارا ئاشلىق - ياغ سودا مەركىزى جىددىي قۇرۇلۇۋاتىدۇ، بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن خەلقئارا سودا كەسپى ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، ياغ سودىسى، كۆرگەزمە قىلىش، سودا ئىشلىرى بويىچە كېڭىشىش، مەبلەغ راسچوت قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بىر گەۋدىلەشكەن سودا سۇپىسىغا ئايلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ خاس، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بۇ يەر ئارقىلىق چەت ئەل بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈپ، تەرەققىيات ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتىن ئۈمىد بار.

2015 - يىلىنىڭ ئاخىرى، تەرەپ - تەرەپكە قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا تايىنىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشقا ئايلاندى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى %80تىن ئارتۇق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن ئۆتۈپ، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا ماڭىدۇ، بۇ جاي يەنە ئۈرۈمچى ھەتتا شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلاندى.

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 5900 قېتىمدىن ئاشتى، بۇ جاي جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا «سودا يىپەك يولى»نى تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى جۇغراپىيەلىك چەكلىمىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بازارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆزلەپ، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى.

بىر كۆۋرۈك ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇردى، ھەمكارلىشىش كەلگۈسىنى ياراتتى. شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش يولى ماڭغانسېرى كېڭەيمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى، 25 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن 21 تۈردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، 176 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ئورناتتى، خەلقئارا دوستانە شەھەردىن 45 جۈپنى بەرپا قىلىپ، «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 864 كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، دۇنيا ھەم جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، دۆلەت ھالقىغان كارخانىدىن 21ى كۆرگەزمە - يىغىنغا قاتناشتى. يەنە ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 32 دۆلەت(رايون)تىكى 3597 كارخانا توردا كۆرگەزمە - يىغىنغا قاتناشتى، ئىمزالانغان ھەمكارلىق تۈرى 448 بولۇپ، سوممىسى 1 تىرىليون 171 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى دۆلىتىمىزنىڭ ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا جەھەتتىكى ھەمكارلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشى ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك خەلقئارا تىرانسپورت يولىدىن 118نى ئاچتى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، شىنجاڭدىن ياۋروپاغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، قازاقىستان بىلەن بولغان 2 - تۆمۈريول پۈتۈپ قاتناش ۋە تىجارەت باشلاندى، چېگرا ھالقىغان خەلقئارا نۇركابېلدىن 26 سى قۇرۇلدى، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا تورى، خەۋەرلىشىشتىن ئىبارەت «بەش بىر گەۋدىلەشكەن» ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان تور سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى.

10 يىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدۇق، 10 يىلدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، جاسارەت بىلەن پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.