تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاراڭ! شىنجاڭ پاختىسى ئاق ھەم چىرايلىق

  ئالتۇن كۈز 10-ئايدا شىنجاڭ پاختىسى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش پەسلىگە كىردى.

  قاراڭ! شىنجاڭ پاختىسى ئاق ھەم چىرايلىق!

  جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتى ۋە كېۋەز سورتى ئوخشاش بولمىغاچقا، شىنجاڭدا پاختا يىغىش ئاساسەن «ئاۋۋال شىمال، ئاندىن جەنۇب» تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى شىنجاڭ بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى قىسمەن پاختا رايونلىرىدا پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش باشلاندى. پاختا يىغىش ماشىنىلىرى مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ئاق رەڭلىك «دېڭىز»دا توختىماي ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ، پاختىكارلارنىڭ بىر يىللىق ئەمگەك ھوسۇلىنى يىغماقتا.

  پاختا يىغىش ماشىنىسى شىنجاڭ ساۋەن شەھىرى كوناساۋەن بازىرىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

  ساۋەن شەھىرى ليۇماۋۋەن بازىرى سامىنزا يېڭى كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ شياۋيىڭ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە 39 مىڭ مو كېۋەزلىك بار. چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات ئۈنۈمى يۇقىرى بولغاچقا، پۈتۈن كەنت 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پاختا يىغىشقا باشلىدى، 20 كۈندە يىغىپ بولۇش مۆلچەرلەنمەكتە.

  10-ئاينىڭ بېشىدا، ساۋەن شەھىرى ليۇماۋۋەن بازىرى سامىنزا يېڭى كەنتىدىكى پاختىلارنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش باشلاندى.

سۈن جىكۇن فوتوسى

  بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسى ئۈرمۈك جىگدە كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە تايلاش، پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسى ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بۇ خىل تايلاش، پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسى بىر قېتىم بېرىپ كېلىشىدىلا ئىككى توننا ئەتراپىدا پاختا يىغىپ، پاختا يىغىۋېلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

  يىغىۋېلىنغان پاختىلارنى كۆرۈپ پاختىكار سۇڭ چىڭخې «ناھايىتى خۇشال بولدۇم!» دېدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى ئەنئەنىۋى ئەندىزىدىن ئاقىل يېزا ئىگىلىكىگە ئۈزلۈكسىز ئۆزگەردى، تېخىمۇ كۆپ پەن ـ تېخنىكا ئامىللىرى كېۋەز تېرىقچىلىقىغا تۈرتكە بولدى. بورتالا شەھەرلىك ئۇرۇقچىلىق تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى يۈخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: نەرسە تورى، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش قاتارلىق پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، كېۋەزلىكنىڭ سانلىق مەلۇماتى، سۇغىرىش قاتارلىقلارنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچەش، توپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇ جايدىكى پاختىكارلار ئۆيىدە يان تېلېفون ئارقىلىقلا «يەر تېرىيالايدۇ»، پەن تېخنىكا ئارقىلىق كېۋەز تېرىشنىڭ پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولالايدۇ.

  سانجىدا پاختا يىغىش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا! 10-ئاي كىرگەندىن بۇيان سانجى شەھىرىدىكى 380 مىڭ مو كېۋەزلىكتىكى پاختا يىغىش پەسلىگە كىردى، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرى ھەممىسىنى يىغىپ بولۇش مۆلچەرلەنمەكتە.

  10-ئاينىڭ 5-كۈنى، سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى دۇڭگۇ كەنتىدە پاختا يىغىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى شەھىرى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ جابدۇقلىرى قۇرۇلمىسىنى پائال ئەلالاشتۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تىراكتور، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى، يېزا ئىگىلىكىدە چوڭقۇر ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان كۆزىتىش-ئ‍ۆلچەش قۇرۇلمىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئۈسكۈنىلىرى پاختا كەسپىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن جەرياننى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  10-ئاينىڭ 5-كۈنى، سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى دۇڭگۇ كەنتىدە، پاختا يىغىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

لياڭ خوڭتاۋ فوتوسى

  سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت پاختا كەسىپلەر ئىتتىپاقى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، «بىر زاۋۇتتا بىر مەھسۇلات بولۇش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، سورتنى بىرلىككە كەلتۈردى، يىغىشنى بىرلىككە كەلتۈردى، سېتىشنى بىرلىككە كەلتۈردى.

  10-ئاينىڭ 7-كۈنى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز تېرىش بازىسىدا، پاختا يىغىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلماقتا.

خې لۇڭ فوتوسى

  نۆۋەتتە، ئېتىزغا كىرگەن ماشىنا 37 (يۈرۈش)، پاختا يىغىش ماشىنىسى مەشغۇلاتچىسى 60تىن ئارتۇق، پاختا زاۋۇتى خىزمەتچىسى 300دىن ئارتۇق بولۇپ، نورمال پاختا يىغىش ۋە پىششىقلاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

 

  10-ئاينىڭ 7-كۈنى سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز تېرىش بازىسىدا، پاختا يىغىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلماقتا.

خې لۇڭ فوتوسى

  ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 7 مىليون 400 مىڭ مو كېۋەزلىكتىكى پاختا يىغىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى كۆز يەتكۈسىز كېۋەزلىكتە ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، بىر-بىرلەپ تايلىنىپ شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن پاختا بولىقى پاختىكارلارنىڭ يانچۇقىدىكى «ھەقىقىي پايدا»غا ئايلاندى.

  بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كېۋەز «بىر ئاساسلىق، ئىككى قوشۇمچە» سورتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل %85تىن يۇقىرى بولۇشى پاختا سورتىنىڭ «كۆپ، قالايمىقان، ئارىلاش» بولۇش ئەھۋالىنىڭ تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى، پاختىمۇ پاختا كارخانىلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ئۆلچەمگە يەتتى، سۈپىتى ياخشى، باھاسى يۇقىرى بولدى.

  10 يىل ئىچىدە ماشىنىدا كېۋەز تېرىش، پاختا يىغىش ئەندىزىسىنىڭ شايار ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا نۇقتىدا سىناق قىلىپ كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھازىرقى ماشىنىدا كېۋەز تېرىش، پاختا يىغىش ئەندىزىسى كۆلىمى 2017-يىلىدىكى 763 مىڭ 100 مودىن ھازىرقى 7 مىليون 90 مىڭ موغا كۆپەيدى.

  توقسۇ ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىكىدە، پاختا يىغىش ماشىنىلىرىنىڭ ئ‍ۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، قاتار ـ قاتار ئاپئاق پاختىلار يىغىۋېلىندى، ئىلمىيلاشقان، ئىنچىكىلەشكەن ۋە ماشىنىلاشقان يىغىش توقسۇدا پاختا يىغىشتىكى ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ سانى 1100دىن ئاشىدىكەن، ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش نىسبىتىنىڭ %85كە يېتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاختا جەمئ‍ىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ شېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولدى، بىرلىك مەھسۇلاتى بۇلتۇرقىدىن سەل ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

  

  شىنجاڭ ساۋەن شەھىرىدىكى بىر پاختا سېتىۋېلىش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار ماشىنىدا يېڭى پاختىنى توشۇماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى)

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شىنجاڭ(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) پاختىسىنىڭ ماشىنىدا يىغىۋېلىش نىسبىتىنىڭ %80تىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

  10-ئاينىڭ 7-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازىرى غاشۇنبۇلاق كەنتىدە، پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغماقتا. ھازىر، جىڭ ناھىيەسىدە تېرىلغان 950 مىڭ مو يەردىكى كېۋەز يىغىش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، پاختا يىغىش ماشىنىلىرى كېۋەزلىكتە ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ پاختا يىغماقتا.

(سەي يۇڭجيې فوتوسى)

  پاختا يىغىش ماشىنىسى يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساش كارخانىلىرى پاختا يىغىش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا ئاتلاندى، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۈچ قۇرلۇق، ئالتە قۇرلۇق يۇمىلاق تايلاش، پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسى شىنجاڭ كېۋەزلىكىدىكى مۇھىم ياردەمچىگە ئايلاندى.

  10-ئاينىڭ 7-كۈنى، قاراماي شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات رايونىدىكى كېۋەزلىكتە، پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغىش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

مىن يۇڭ فوتوسى

  دۇنيا پاختىسىغا نەزەر سالغاندا جۇڭگوغا قاراش، جۇڭگو پاختىسىغا نەزەر سالغاندا شىنجاڭغا قاراش كېرەك. شىنجاڭ پاختىكارلىرىنىڭ قاتتىق ئەمەلىي كۈچى ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتايلى!

  «تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.