تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆكەرتىش بىلەن بېيىشنى تەڭ ئىشقا ئاشۇرۇش يۆگىمە رەسىمىنى يايدى

بۇرچىن ناھىيەسى تېرىسئاققان ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانى:

كۆكەرتىش بىلەن بېيىشنى تەڭ ئىشقا ئاشۇرۇش يۆگىمە رەسىمىنى يايدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا، مەيىن شامال تۇتاش كەتكەن ئېگىز - پەس تۆپىلىكلەرنى يەلپۈپ ئۆتەتتى، ياپيېشىل ئوتلاقلار تاكى ئۇپۇققىچە سوزۇلغانىدى. توپ - توپ قوي - كالىلار ئوتلاقتا ئەركىن ئوتلاپ يۈرەتتى... بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئېگىز تۆبە يېزىسى تېرىسئاققان ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانىغا كىرگەندە، ئەڭ ئاۋۋال كۆزگە چېلىقىدىغىنى كەڭ كەتكەن ئېگىز تاغ ئوتلىقى ئىدى.

ئېگىز تۆبە يېزىسى ئىرگىلقۇم كەنتىدىكى 51 ياشلىق چارۋىچى باقىتقان قابدىن تېرىسئاققان ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى كەسپىي ۋاكالىتەن باققۇچىلارنىڭ بىرى. كۈندىلىك خىزمىتى كەنتتىكى 500 (تۇياق) قوي - كالىنى بىرتۇتاش بېقىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەن، يىللىق ۋاكالىتەن بېقىش ۋاقتى بەش ئاي.

بۇرچىن ناھىيەسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چارۋىچىلىق چوڭ ناھىيەسى، ئۆتكەن خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، بۇ جايدا چارۋىچىلىق كەسپى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئەنئەنىۋى تەرەققىيات باسقۇچىدا توختاپ قالغانىدى، ئوتلاق - چارۋا ئارىسىدىكى زىددىيەت بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، ئوتلاقلاردا رايون خاراكتېرلىك چېكىنىش كۆرۈلۈپ، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش تەخىرسىز ئىش بولۇپ قالغانىدى.

بۇ يىل، بۇرچىن ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، تېرىسئاققان ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى.

«ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يىرىك پىلان لايىھەسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، يايلاق كۆچۈش ۋاقتىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، يايلاق كۆچۈش چارۋا يولى، يايلاق كۆچۈش رايونىنى پىلانلاپ، ئوتلاق - چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي ۋاكالىتەن باققۇچىلار قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇردى» دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئامانتاي ئايتىكىن.

تېرىسئاققان ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانى بۇ يىل پۈتكەن بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 37 مىڭ مودىن ئاشىدۇ، ئۇ، ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق، سەيلە - ساياھەت، ئۆرپ - ئادەتنى ھېس قىلىش بىرگەۋدە قىلىنغان ئوتلاق چارۋىچىلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچە رايونى.

«ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانى ئېكولوگىيەلەشكەن بېقىش ئەندىزىسى قوللىنىلغان تەبىئىي ئوتلاق.» ئامانتاي مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانىدا كەسپىي ۋاكالىتەن بېقىش شەكلى قوللىنىلىپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان تەبىئىي ئوتلاقنى رايونغا ئايرىپ نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىش يولغا قويۇلۇپ، ئوتلاق - چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، چارۋىچىلار ئوتلاق - چارۋىنى بىرلىشىپ باشقۇرۇش يولىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا تەدرىجىي يېتەكلەندى.

«بىز <ھەمكارلىق كوپىراتىپى + چارۋىچى + ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانى> ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايونىغا قارىتا قوغداش خاراكتېرلىك ئېچىشنى يولغا قويدۇق.» ئامانتاي مۇنداق دېدى: يېزا (بازار)لىق ھۆكۈمەت، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تەڭشەپ قايتىدىن تەشكىللەش بېكىتىلگەن ئوتلاق، چارۋا، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىقلارنى ئەلالاشتۇرۇپ قايتا تەشكىللىدى، چارۋىچىلار بىلەن ئوتلاق - چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى، رايونغا ئايرىپ نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىش، چارۋىلارنى يايلىتىپ بېقىشنى چەكلەپ قوتاندا بېقىش، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئوتلاق بىلەن چارۋا ھەمتۈرتكە بولۇش پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئېكولوگىيە + چارۋىچىلىق + ساياھەت»تىن ئىبارەت يېڭىچە تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ساياھەت لىنىيەسى بويىنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى تايانچ قىلىپ، ئۇنىڭغا يېقىندىن تايىنىپ، بۇرچىن ناھىيەسى 2022 - يىلى تېرىسئاققان ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانىدا تۆت پەسىللىك ساياھەت كىگىز ئۆيىدىن ئوننى تىكىپ، چارۋىچىلارنى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئېگىز تۆبە يېزىسى قىزىلتوغاي كەنتىدىكى چارۋىچى تېلېۋبېك توقاي تېرىسئاققان ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانىدا ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش بىلەن بىللە، چارۋىچىلار ئارامگاھىدىن بىرنى ئېچىۋاتىدۇ.

«بىز قەتئىي ھالدا بېكىتىلگەن نورما بويىچە چارۋىلارنى تاغقا چىقىرىپ، رايونغا ئايرىپ بېقىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز» دېدى تېلېۋبېك.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇرچىن ناھىيەسى 2025 - يىلىغىچە، 44 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 24 ئوتلاق ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانى بەرپا قىلىپ، چارۋا يوللىرى ۋە كۆۋرۈك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 1000غا يېقىن چارۋىچىغا كەسپىي ۋاكالىتەن باققۇچى لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ، تەدرىجىي ھالدا 12 ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئائىلىۋى چارۋىچىلىق مەيدانىدىن 60نى ۋە چارۋىچىلار ئارامگاھىدىن 300نى ئېچىشنى پىلانلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.