تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقارغان ئالتە قۇرلۇق پاختا يىغىش ماشىنىسى «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە نامايان قىلىندى

  

10- ئاينىڭ 5- كۈنى، مۇخبىر « يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ زال سىرتى كۆرگەزمە رايونىغا كەلدى، گەۋدىسى قىزغۇچ سېرىق ، پاختا يىغىش بېشى سېرىق رەڭلىك ئالتە قۇرلۇق پاختا يىغىش ماشىنىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.

  بۇ پاختا يىغىش ماشىنىسىنى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ،ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10.28 مېتىر، ئېگىزلىكى 5.3 مېتىر، ساپ ئېغىرلىقى 34 توننا، پاختا يىغىش، ئوراش بىر گەۋدىلەشكەن ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئۆز ئالدىغا يول باشلاش، ئاپتوماتىك ئوراپ قاچىلاشنى كونترول قىلىش، كاشىلىغا ئۆزى دىياگنوز قويۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى يىراقتىن نازارەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، ھەر كۈنى 500 مو يەردىكى پاختىنى يىغالايدۇ.

  مۇخبىر: جاڭ شىنجۈن

  ئوپېراتور: جاڭ شىنجۈن

  كىرىشتۈرگۈچى: تاۋ جىخاۋ

  نازارەتچى: ماۋ مىڭدۇڭ، شۆ جىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.