ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن) «تۇغۇلغىنىغا 40 نەچچە كۈن بولغان بوۋاقنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقىنى ۋاقتىدا ئەملىتەلمىدۇق، قانداق قىلىمىز؟» 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا، «بۇلۇت ئانا» ناملىق بىر تورداش «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىگە سۆز قالدۇردى.
مۇخبىر «بۇلۇت ئانا» بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن، دەرھال ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلەشتى. بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈرۈمچىدە ھازىر بالىلارغا ئەملەشكە تېگىشلىك ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى تۈرىدىكى ۋاكسىنا بار، لېكىن يۇقۇم سەۋەبىدىن، قىسمەن رايون، ناھىيەلەردىكى قىسمەن ۋاكسىنا ئەملەش ئامبۇلاتورىيەسىدە خىزمەتلەر تېخى قانات يايدۇرۇلمىدى. ئاھالىلەر ئالاقىدار رايونلاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بۆلۈمى، ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ ۋاكسىنا ئۇچۇرىغا ئېرىشىشى ھەم ئالدىن كېلىشىپ، بەلگىلەنگەن ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىغا بېرىپ نەق مەيداندا ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەك.
بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق بىلدۈردى: «ئالدىنى ئېلىش- ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەت قائىدىسى»دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، ۋاكسىنا ئەملەش كېچىكتۈرۈلسە، ۋاكسىنىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتمەيدۇ، ئاھالىلەر مۇۋاپىق پەيتتە ۋاكسىنىنى تولۇقلاپ ئەملەتسە بولىدۇ.
تورداش ئېلان قىلغان مەسلىھەت سوراپ قالدۇرغان سۆزنىڭ كەسمە سۈرىتى.
«ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە تورداش ئوتتۇرىغا قويغان 9 HPV ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش توغرىسىدىكى سوئالغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر ئۈرۈمچىدە بۇ ۋاكسىنا يوق، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2 HPV ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەش نىسبەتەن يېتەرلىك، بۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
نۆۋەتتە، بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىشتە ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق ۋاكسىنا ئۇچۇرىنى تەكشۈۈشكە ياكى بۇ ئاممىۋى نومۇر ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرى ئېلان قىلغان ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردىكى ۋاكسىنا ئەملەش مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ، ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بۆلۈمى، ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ ۋاكسىنا ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ، ئالدىن كېلىشىشكە توغرا كېلىدۇ، ۋاكسىنا ئەملەتكەندە 24 سائەت ئىچىدىكى خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغانلىق ئىسپاتى ۋە يۈرۈش كودى، يېشىل كودىنى ئېلىپ، ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىغا بېرىپ نەق مەيداندا ۋاكسىنا ئەملەتسە بولىدۇ.