تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ! خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئالغاندا پۈتۈن جەرياندا مۇنداق مۇداپىئەلىنىسىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ) 10- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى مۇنداق ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ئاھالىلەر مەھەللىدە خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىشقا قاتناشقاندا، مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، شەخسىي مۇداپىئە تەپسىلاتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

8- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا، پىدائىي ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىدىن خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئالماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن:

مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۇقتۇرۇش قىلغان ۋاقىت بويىچە دەل ۋاقتىدا يېتىپ بېرىشى، ئاھالىلەرنىڭ ۋاقىت بۆلىكى ئايرىمىسى بويىچە، يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي بەلگىلەنگەن ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىغا بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن، كىملىك ياكى «خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىش مۇلازىمەت كودى» قاتارلىقلارنى ئالدىن تەييارلىۋېلىشى، دېزىنفېكسىيەلەش ھۆل قەغىزى، زاپاس ماسكا قاتارلىقلارنى يېنىغا سېلىۋېلىشى كېرەك.

تەكشۈرتۈشتىن 30 مىنۇت بۇرۇن سۇ ئىچمەسلىكى، ھاراق ئىچمەسلىكى، سېغىز چاينىماسلىقى، ئەۋرىشكە ئېلىش جەريانىدا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئاھالىلەر لىفىتقا ئولتۇرغاندا، دەنيۈەن ئىشىكىنى ئاچقان- ياپقاندا، قول بىلەن لىفىت كۇنۇپكىسى، ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ يۈزىنى بىۋاسىتە تۇتۇشنى ئازايتىشى، ئەگەر تۇتقان بولسا قولنىڭ ئېغىز، بۇرۇن، كۆز قاتارلىق ئورۇنلارغا تېگىشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى، ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيەلەش ھۆل قەغىزى، قول دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن قول تازىلىقىنى ساقلىشى كېرەك.

تەكشۈرتكەندە:

پۈتۈن جەرياندا ماسكىنى توغرا تاقىشى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى، تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇشى، توپلىشىۋالماسلىقى، يىغىلىپ پاراڭلاشماسلىقى، ئىككى مېتىردىن ئارتۇق بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى كېرەك.

تەكشۈرتۈشتىن بۇرۇن، گېلىنى قىرىش، بەلغەم تۈكۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى قىلماسلىقى، يۇتۇش ھەرىكىتىنى ئازايتىشى كېرەك.

خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىش خادىملىرى ئالدىنقى بىر تەكشۈرۈلگۈچىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ بولۇپ ھەم قولىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئالدىغا بېرىپ ماسكىنى ئېلىشى؛ ماسكىنى ئالغىچە، قولنى ماسكىنىڭ ئالدىغا تەگكۈزمەي، قۇلاق تەرەپتىكى ماسكا يىپىنى ئىككى قولدا تارتىپ ماسكىنى ئېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ، ماسكىنى بىۋاسىتە ئېڭەككە سېرىپ چۈشۈرمەسلىكى ياكى بۇرنى تەرەپكە كۆتۈرمەسلىكى، ماسكىنىڭ ئىچكى قەۋىتىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئەۋرىشكە ئېلىۋاتقاندا، ئامال بار ئەۋرىشكە ئالغۇچى خادىم بىلەن ئارىلىق ساقلىشى كېرەك. قىسمەن تەكشۈرۈلگۈچىلەردە يۇتقۇنچاق بىئارام بولۇش سەۋەبىدىن يۆتەل پەيدا بولۇپ، تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئەۋرىشكە ئېلىش سۇپىسىغا چاچراپ كېتىدۇ، شۇڭا يېنىغا ئېلىۋالغان نەرسىلەرنى ئەۋرىشكە ئېلىش سۇپىسىغا قويماسلىقى، بەدىنىنىمۇ ئەۋرىشكە ئېلىش سۇپىسىغا تەگكۈزمەسلىكى، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

تەكشۈرتۈۋاتقاندا:

ئېغىزدىن يۇتقۇنچاق پەلكۈچى بىلەن ئەۋرىشكە ئالغاندا، ئامال بار ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بېرىشى، بېشىنى ئارقىغا قىلىپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىشى، ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ، «ھا» دېگەن ئېغىز شەكلىنى چىقىرىشى كېرەك، ئېسىڭىزدە بولسۇن، «ھا» دەپ ئاۋازىمىزنى چىقارمايمىز.

ئەۋرىشكە ئېلىش جەريانىدا بىئارام بولۇپ، يۆتەل، چۈشكۈرۈك تۇتقاندا، قەغەز ياكى جەينەك بىلەن توسۇشى كېرەك.

تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن:

تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن ماسكىنى ياخشى تاقاپ دەرھال ئايرىلىشى، تەكشۈرۈش نۇقتىسى ئەتراپىدا يىغىلىپ پاراڭلاشماسلىقى، تۇرماسلىقى كېرەك. ئوچۇقچىلىققا بېرىپ، زاپاس ماسكىنى ئېلىپ ئالماشتۇرۇشى، ھەمدە كونا ماسكىنى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش تەلىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ ۋاقتىنچە تاشلىغىلى بولمايدىغان ماسكىنى ئېغىز- بۇرۇنغا تېگىشكەن يۈزىنى سىرتقا قارىتىپ، بويىغا ئىككى قېتىم قاتلاپ چىگىپ، ئوراش خالتىسىغا سېلىپ بىر ئازدىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئېقىۋاتقان سۇدا، سوپۇن سۇيۇقلۇقى بىلەن «يەتتە باسقۇچلۇق قول يۇيۇش» ئۇسۇلى بويىچە قولنى ئەستايىدىل يۇيۇشى كېرەك، ئىسپىرت بىلەن يان تېلېفون، كىملىك قاتارلىق بۇيۇملارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.