تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى يۇقىرى بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مو بېشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون بويىچە 2 مىليون 352 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تاماملانغان، مۆلچەرلىنىشىچە يىل ئاخىرىدا 5 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تاماملىنىدىكەن. ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلغاندىن كېيىنكى باشقۇرۇش، قوغداش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش، قوغداش سۇبيېكتى ۋە باشقۇرۇش، قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بەرپا قىلىنغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنىڭ ئۇزاققىچە باشقۇرۇلىدىغان بولۇشى، ئۇزاققىچە نەپ بېرىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون(يەرلىك)دا 31 مىليون 260 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىندى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايون 5 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مو بېشى سېلىنمىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 433 يۈەن ئۆستۈرۈپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى بۇ يىل 160 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى خۇسۇڭتۇ خارسۇن يېزىسىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تۈرى قۇرۇلۇپ ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. خۇسۇڭتۇ خارسۇن يېزىسىنىڭ قارا بۇلاق كەنتىدە، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ سىستېمىسى قارا بۇلاق كەنتىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. كەنت ئاھالىسى ياڭ چاڭفەن ئۆزىنىڭ ئېتىزى يېنىغا يېڭىدىن ياسالغان سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنى كۆرۈپ خۇشاللىقىنى باسالماي مۇنداق دېدى: «بۇ يىل يېزىمىز يېڭىدىن ياسىغان بۇ ئۆستەڭنى مەنمۇ ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم، يېڭى ئۆستەڭگە سۇ تېز ھەم كۆپ كېلىدۇ، بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ يېرىدىن خېلى ياخشى ھوسۇل ئالدۇق».

شايار ناھىيەسى «ئېتىزلارنى تەرتىپكە سېلىش جايىدا بولۇش، سۇغىرىش، زەينى چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن بولۇش، ئېتىز بېشىدىكى يوللار راۋان بولۇش، ئېتىز، ئورمان تورى تاكامۇل بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ئىلغار بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇش» ئۆلچىمى بويىچە، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. بۇ جەرياننىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شايار ناھىيەسىدىكى يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت مۇناسىۋىتى قايتا قۇرۇلدى، سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئېففېكتى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى، بىلىم تىپىدىكى دېھقانلار كۆپىيىشكە باشلىدى، يېزا - كەنتلەردە گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى ئېتىز قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ مىڭيى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى سۈرئىتىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈش، كۆپ مەنبەلىك سېلىنمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش، تۈر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش ۋە تېخنىكا تىرىكىنى زورايتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.

جاڭ مىڭيى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل ئاپتونوم رايون كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى، مالىيە يۆتكىمە چىقىمىدىن ياردەم بېرىلىدىغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ مو بېشى سېلىنمىسى 1500 يۈەندىن ئېشىپ، دۆلەتنىڭ مالىيە مو بېشى سېلىنمىسى بويىچە باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش، تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە يېتىپ، يەر تۈزلەش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك يادرولۇق قۇرۇلۇش مەزمۇنىنىڭ تولۇق قاپلىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشقاچقا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى، سۈپىتى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز، «ئىككى رايون»، 2 - قېتىملىق ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى بېكىتىلگەن تېرىلغۇ يەر، «تۆت 1 مىليون مو» ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي خەرىتىسى تىرەك قىلىنغان شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ «تولۇق خەرىتىسى» دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، قۇرۇلۇپ بولغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى، كۆلىمى، تېگى - تەكتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بايلىقى سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.