تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى سىنلىق يىغىنى ئاچتى

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى

نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى سىنلىق يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى ۋە «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق رايونلاردا يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى ئىشلەش، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، قايتا كۈچەيتىلدى، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، دۆلەت كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چاڭ جىلې قاتارلىقلار قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، ئىدىيەدە بوشىشىپ قالماسلىق، تەدبىرنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق، خىزمەتتە بوشىشىپ قالماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ۋە دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق، پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئېتىبار بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىرتقا كېڭىيىپ كېتىش، يامراپ كېتىش، سىرتتىن كىرىش، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى كېرەك. خەۋپ ـ خەتەرنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، «زۆرۈر بولمىسا شىنجاڭدىن چىقماسلىق»، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئايرودۇرۇم، تاشيول قاتارلىق شىنجاڭدىن ئايرىلغاندا ئۆتىدىغان قاتناش مەيدان ـ پونكىتلىرىدىكى تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىرتقا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، رايونلار ئارا ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ۋە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يۆتكىلىش خاراكتېرلىك، يوشۇرۇن خاراكتېرلىك تارقىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغان كىشىلەرگە بولغان خەۋپ ـ خەتەرنى باھالاش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقەتەن شىنجاڭدىن ئايرىلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلەرگە قارىتا خېسۇەن تەكشۈرۈش، ساغلاملىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق ئۆلچەم ۋە تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى ۋە شوپۇر، يولۇچى قاتارلىقلارنى پۈتۈن مۇساپىلىك يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، باشقۇرۇشتىن چۈشۈپ قېلىپ تىزگىنلىيەلمەسلىكتىن قاتتىق ساقلىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى خېسۇەن تەكشۈرۈشتىكى كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈسكۈنە، خادىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تولۇق قاپلىغان تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋرىشكە ئېلىش، يەتكۈزۈش، تەكشۈرۈش، مەلۇم قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا مەشغۇلاتنى قېلىپلاشتۇرۇش، يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان كىشىلەر توپى، خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان رايونلار، خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان سورۇنلار قاتارلىقلارغا قارىتا دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىش ۋە ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، ئىز قوغلاش، يۆتكەش، ئايرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدا يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ ـ خەتىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئادەم، نەرسە، مۇھىت جەھەتتە تەڭ مۇداپىئە كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى قاتارلىقلارغا بولغان ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يۇقۇم خەۋپ ـ خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمغا ئائىت نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلان قىلىپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاممىنى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئاڭلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن مۇلازىمەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سەۋرچان، ئىنچىكە بولۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاممىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى، بولۇپمۇ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر تۆۋەنگە چۈشۈپ نۇقتىدا تۇرۇپ نازارەت قىلىش ـ يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ھەم ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇقاتلام ۋەزىپە يۈكلەش قاتارلىق چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىلگەن يول يۈرۈشنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشتىن ساقلىنىپ، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ خىزمەتتە ئاشكارىلانغان مەسىلە ۋە كەمتۈكلۈكلەرگە قارىتا، تەتقىق قىلىپ تۈزىتىش، ئەلالاشتۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى، دەللىكى، قاراتمىلىقىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشى، يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم، زور ۋەزىپە قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەنبەدىن باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان كىشىلەر ۋە خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان رايونلارنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ شەرتىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ رايون ھالقىپ تارقىلىشىنى ھەقىقىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشى، يامراپ كېتىشىنىڭ ئەڭ زور چەكتە ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، يېتەرسىزلىكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، ۋەزىپە مۈشكۈل بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلىپىگە كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ ۋە ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچى ـ خادىملىرىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئالاقىدار ئورۇن ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون، يېزا ـ بازارلىق كوچا باشقارمىسى ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن ـ مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.