تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈزلۈك يىغىم مېۋىلىرىنى نامايان قىلىش، مول ھوسۇل شادلىقىدىن ھەممە بەھرىلىنىش

​− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت دېھقانلار مول ھوسۇل ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋالدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ھازىر دەل مول ھوسۇل پەسلى بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەممە جاي ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئوتقاشتەك لازا، مەرۋايىتتەك ئۈزۈم، ئاپئاق پاختا... ھەر مىللەت دېھقانلار بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ بەختلىك پەيتنى كۈتۈۋالدى، كۆپچىلىك كۈزلۈك يىغىم مېۋىلىرىنى نامايان قىلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالدى.

«لازا ماكانى» ساۋەن شەھىرىنىڭ يەنسىخەي بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق تەبىئىي ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىدا، يۇرتداشلار يىغقان لازىلىرىنى ئاپتاپقا سېلىۋاتاتتى. پارچە - پارچە ئاپتاپقا سېلىش مەيدانى خۇددى غايەت زور قىزىل گىلەمگە ئوخشايتتى، لازىنىڭ ئاچچىق پۇرىقى ئەتراپقا تارىلىپ تۇراتتى.

يەنسىخەي بازىرىنىڭ خېپىڭ يېڭى كەنتىدىكى چېڭگو دېھقانلار تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى يۈەن شۆفېڭ مول ھوسۇل خۇشاللىقىغا چۆمدى. بۇ يىل، ئۇ تېرىغان 300 مو يەردىكى مېيرىنجياۋ لازىسىنىڭ ئېتىز پەرۋىشى جايىدا بولغاچقا، مو بېشى ھوسۇلى 2500 كىلوگىرامغا يەتتى. «بۇ يىل يەنسىخەي بازىرىدا لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى ھەم كۆپ كىرىم قىلىندى، بىز قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تۇرمۇشىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز» دېدى يۈەن شۆفېڭ.

بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى تولبۇلاق غەربىي كەنتىدىكى قوناقلىقتا، چوڭ تىپتىكى كومبايىنلار توختىماي ئۆتۈشۈپ، مول ھوسۇل مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

تولبۇلاق غەربىي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى چېن جېڭچىڭ ئېتىز بېشىدا تۇرۇپ ئاپتوموبىل، خادىملارنى ماسلاشتۇرۇۋاتاتتى. بۇ يىل، چېن جېڭچىڭ 2000 مو يەرگە قوناق تېرىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 1350 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولدى. «پارتىيەنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ مەدىتىدە، بىز مول ھوسۇل ئالدۇق، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى» دېدى چېن جېڭچىڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شويىڭپەن بازىرى ئۇرۇقلۇق قوناق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى پائال كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ كىرىش ئىجازىتى، بازىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇرۇقلۇق سۈپىتى قاتارلىق ئۆتكەللەرنى قاتتىق ئىگىلىگەچكە، ئۇرۇقلۇق قوناق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بازىنى ئەلالاشتۇرۇش، كارخانىلارنى كۈچەيتىش، ماركىنى يارقىنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى يېڭىسار كەنتىگە كىرگەندە، قۇياش نۇرى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن يەر يۈزىگە چۈشۈپ تۇراتتى، ئۈزۈم شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى ئاساسلىق يولىغا ئايلانغانىدى.

«بۇ يىل ئائىلىمىز ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، ئىچ - ئىچىمىزدىن خۇشال بولۇپ كەتتۇق.» كەنت ئاھالىسى ئەخمەت مەخىم مۇنداق دېدى: ئائىلىمىز 6.5 مو يەردە چوڭ دانلىق ئاق كىشمىش ئۆستۈردۇق، بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئىلمىي تېرىش، ئىنچىكە پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، كىرىمىمىز بارغانسېرى ياخشى بولدى.

«ھازىر، مەخسۇس ئادەم بىزگە ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، ئۈزۈم پەرۋىش قىلىشنى ئۆگىتىدۇ، يەنە سېتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، بۇ بىزنىڭ كىرىمىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىز ناھايىتى تەقەززامىز، پەقەت پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى ئەخمەت.

كۈز شامىلى چىقتى، چۈجگۈن قوناق سارغايدى. يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساغان بازىرى تۆۋەن تاغۋاز كەنتىدىكى 300 مو يەرگە تېرىلغان چۈجگۈن قوناق يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى. باشاقلىرى دانلىق بولۇپ، دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تېزدىن يىغىۋېلىپ، ھوسۇلنى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكى بولغاچقا، ئۆلچەملەشكەن شەكىلدە چۈجگۈن قوناق تېرىپ، مول ھوسۇل ئالدۇق ھەم كۆپ كىرىم قىلدۇق» دېدى دېھقان تۇنىسايىم روزى.

تۆۋەن تاغۋاز كەنتىدە تېرىلغان چۈجگۈن قوناق قۇرغاقچىلىققا چىداملىق سورت بولۇپ، تېرىش تەننەرخى تۆۋەن، شۇ جايدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. تېرىلغۇ يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەن تاغۋاز كەنت «ئىككى كومىتېت»ى «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بۇغداينى يىغىۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئېڭىزغا چۈجگۈن قوناق تېرىشقا يېتەكلىدى.

ئاقسۇنىڭ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ بەك ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھازىر، شاخلار قىپقىزىل ئالمىلارنى كۆتۈرەلمەي قالدى.

«بۇ بىرنەچچە يىلدا، پارتىيەنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، يېزىلاردا بارغانسېرى جايىدا ئەمەلىيلەشتى، بۇنى ئائىلىمىزنىڭ ئالمىلىق بېغىدىنلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.» ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى بازىرى قارامۇقچى كەنتىدىكى ئالما ئۆستۈرگۈچى ئاھالە رەيھانگۈل بارات مۇنداق دېدى: بىز 25 مو يەردە ئالما ئۆستۈردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە بەش مو يەردىكى بالدۇر پىشىدىغان ئالما سېتىلىپ بولدى، 20 مو يەردىكى كېيىن پىشىدىغان ئالمىنى قىروۋ چۈشكەندىن كېيىن مېۋىسىدە تەدرىجىي «ناۋاتتەك تەم» شەكىللەنگەندە ئاندىن بازارغا سالىمىز. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، كېيىن پىشىدىغان ئالمىنى ئالدىن زاكاز قىلىش تېلېفونى ئۈزۈلمىدى. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە، قىپقىزىل ئالمىلارنى كۆرگىنىمىزدە، بىزدەك دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندۇق» دېدى ئۇ.

ھازىر، ماناس ناھىيەسىدىكى 780 مىڭ مو يەردىكى پاختا ئارقا - ئارقىدىن يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى، پاختا يىغىش - تايلاش ماشىنىلىرى كېۋەزلىكتە توختىماي مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاينىڭ پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى، پاختىنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى.

«بىز كېۋەز تېرىغاندا بىردەك قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللاندۇق، يىغىۋېلىشتا بىردەك پاختا يىغىش ماشىنىسى ئىشلەتتۇق، دېھقانلارنىڭ كىرىمى سىجىل ئاشتى. بىز تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى ماناس ناھىيەسىنىڭ لوتۇيى بازىرى جياۋجياجۇاڭ كەنتىدىكى كېۋەز تېرىغۇچى ئاھالە لۇ چىڭيۈن.

(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ رۇيلىن، جاڭ جىلى، خەن چىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار زىڭ جاۋمېي، نەن دېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.