تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قايسى گۈل ئەڭ چىرايلىق؟ شىنجاڭنىڭ پاختىسى ئەڭ چىرايلىق

10-ئاينىڭ 2-كۈنى، «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى ئارال شەھىرىنىڭ كېۋەزلىكىدە، پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغىۋاتقان بىر پارچە سۈرەت ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىر ئېكسكۇرسىيەچى بۇ سۈرەت ئالدىدا ئۇزاققىچە توختاپ، ھاياجانلانغان ھالدا ھەمراھلىرىغا: «قايسى گۈل ئەڭ چىرايلىق؟ مېنىڭچە شىنجاڭنىڭ پاختىسى ئەڭ چىرايلىق!» دېدى. ھازىر، شىنجاڭدىكى 37 مىليون مودىن ئارتۇق كېۋەزنى كەڭ كۆلەمدە يىغىدىغان مەزگىلى بولۇپ، بىز بۇ چوڭ سۈرەتتىن تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى كەڭ كەتكەن كېۋەزلىكتە ماشىنىدا پاختا يىغىۋاتقان ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىنى ھېس قىلالايمىز.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  9-ئاينىڭ 30-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى توڭچىكە كەنتىدە، دۆلىتىمىزدە ياسالغان پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغماقتا.

ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

  بۇ يىل لوپنۇر ناھىيەسى 1 مىليون 10 مىڭ مو كېۋەز تېرىپ، تېرىش، ئېتىز پەرۋىشىدىن تارتىپ يىغىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياندا ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى ئىشقا ئاشۇردى.

  9-ئاينىڭ 30-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى توڭچىكە كەنتىدە، دۆلىتىمىزدە ياسالغان پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغماقتا.

  ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

  9-ئاينىڭ 27-كۈنى، قاراماي شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات رايونى لەنتيەن چوڭ يولىنىڭ جەنۇبىدىكى كېۋەزلىكتە، دېھقانلار ماشىنا بىلەن پاختا يىغماقتا.

  مىن يۇڭ فوتوسى

     بۇ يىل، قاراماي شەھىرىنىڭ زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 389 مىڭ مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كېۋەز كۆلىمى 245 مىڭ مو بولغان، كېۋەز ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 98 مىڭ توننا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ سىرتقى كۆرگەزمە رايونىغا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى ياساپ چىققان ئالتە قۇرلۇق پاختا يىغىش ماشىنىسى قويۇلغانىدى.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  10-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىر ئېكسكۇرسىيەچى «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە «تارىم دەرياسى 2-نومۇر»لۇق پاختا ئەۋرىشكىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  10-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچى «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە كۆرگەزمە قىلىنغان «تارىم دەرياسى 2-نومۇر»لۇق پاختا ئەۋرىشكىسىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.