تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

​ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 7 مىليون 400 مىڭ مو يەردىكى پاختا ئارقا- ئارقىدىن ئېچىلدى، 1100دىن ئارتۇق پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا دېڭىزىدا كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە

9- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 7 مىليون 400 مىڭ مو يەردىكى پاختىنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلارمۇ پاختا يىغىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، شۇ جايدىكى پاختىكارلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، پاختا يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھەممە يەردە مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى.

9- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى سات كەنتىدە كۆز يەتكۈسىز كېۋەزلىكلەر ئاپئاق تۈسكە كىرگەن بولۇپ، «تۇخۇم تۇغۇش ماشىنىسى» دەپ ئاتالغان چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىلىرى پاختا دېڭىزىدا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ، ئېچىلغان پاختىلارنى سۈمۈرۈپ، تايلاپ تاي پاختا قىلىپ «تۇغۇۋاتاتتى». رەتلىك تىزىلغان تاي پاختىلارنى كۆرۈپ، پاختىكارلارنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.

بۇ يىل ئاقسۇ شەھىرىدە 1 مىليون 120 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلدى. پاختىلارنىڭ ئارقا- ئارقىدىن ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ شەھەر 194 چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئېتىزدا مەشغۇلات قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مول ھوسۇللۇق پاختىنى يىغىۋېلىشنى پىلانلىدى.

لو شىنلۇ سات كەنتىدىكى كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىسى، بۇ يىل ئۇنىڭ 500 مودىن ئارتۇق يەردىكى كېۋىزىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يىل كېۋەز تېرىغاندا پۈتۈنلەي پاختىسىنى ماشىنىدا تېرىش ئەندىزىسىنى قوللاندى، ئىككى كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا ماشىنىدا پاختىسىنى تېرىپ بولدى. لو شىنلۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ يىغىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئىكەن، ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەرگەنگە قارىغاندا ۋاقىت، كۈچ ۋە پۇل تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.»

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى سات كەنتىدىكى پاختىكار لو شىنلۇنىڭ كېۋەزلىكىدە پاختا يىغىش ماشىنىسى ئۇياقتىن بۇياققا بېرىپ- كېلىپ پاختا يىغماقتا. ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى كېۋەزنى تېرىشتىن يىغىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ پاختا يىغىش ئۈچۈن «نۇرغۇن ئادەم سېلىش» ئەھۋالىغا خاتىمە بەردى.

توقسۇ ناھىيەسى ئۈچقات بازىرى تۈگمەنئېرىق كەنتىدىكى كېۋەز تېرىغۇچى ئابلىز قۇربان مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى يىللاردا پاختا يىغىش مەزگىلى كەلگەندە، پاختا تەرگۈچىلەرنى تېپىشنىڭ تەسلىكىدىن، يەنە پاختا تېرىش خىراجىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىن بەك ئەنسىرەيتتىم. ھازىر غەم قىلمايدىغان بولدۇم، بىر پاختا يىغىش ماشىنىسى بارلىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.»

ئاقسۇ ۋىلايىتى كېۋەز تېرىش چوڭ رايونى بولۇپ، بۇ يىل جەمئىي 7 مىليون 400 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلدى. پاختا كەسپىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتى پاختا كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، قۇرۇق تېرىپ تېمىتىپ تېرىش ۋە پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، پاختا كەسپىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىيلىشىشى، دائىملىشىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ماشىنىدا پاختا يىغىش ئەندىزىسى بويىچە تېرىلغان كېۋەز كۆلىمى 7 مىليون 90 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، بۇ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلىگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل كۈزدە 1100دىن ئارتۇق پاختا يىغىش ماشىنىسى ئېتىزلاردا مەشغۇلات قىلىدىكەن، ماشىنىلاشقان پاختا يىغىش نىسبىتى %80تىن ئاشىدىكەن، مۇشۇ بىر تۈردىلا 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پاختا يىغىش تەننەرخىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاختا يىغىش ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىت 10 كۈن ئەتراپىدا ئالدىغا سۈرۈلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر جايلارنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، پاختىنى ئېچىلىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 10- ئاينىڭ باشلىرىدا پاختا يىغىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىرىدىكەن.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار: ليۇ خۇڭۋېن، ليۇ يۈجۇ، چېن جيۇجوۋ)

پايدىلانغان مەنبە: ئاقسۇ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.