تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان شىنجاڭ ماشىنىلاشقان يىغىۋېلىش پەسلىگە قەدەم قويدى

  ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان شىنجاڭ ماشىنىلاشقان يىغىۋېلىش پەسلىگە قەدەم قويدى.

  جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ كىلىماتى ھەمدە كېۋەز سورتى ئوخشاش بولمىغاچقا، شىنجاڭدا پاختا يىغىش ئاساسەن «ئاۋۋال شىمال، ئاندىن جەنۇب» تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى پاختا رايونلىرىدا ماشىنىلاشقان يىغىۋېلىش باشلاندى. ساۋەن شەھىرى ليۇماۋۋەن بازىرى سامىنزا يېڭى كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ شياۋيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ كەنتتە 39 مىڭ مو كېۋەز بار، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات ئۈنۈمى يۇقىرى بولغاچقا، پۈتۈن كەنت 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يىغىشنى باشلىدى، 20 كۈندە پۈتۈنلەي يىغىپ بولۇش مۆلچەرلەنمەكتە.

  بىر چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى شىنجاڭ بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا.

  (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاختىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ شېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل شىنجاڭنىڭ پاختىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى، بىرلىك ھوسۇلىدا بۇلتۇرقىدىن سەل ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

پاختا يىغىش ماشىنىسى شىنجاڭ ساۋەن شەھىرى كونا ساۋەن بازىرىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى جىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل شىنجاڭ (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتىنىڭ %80تىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

شىنجاڭ ساۋەن شەھىرىدىكى بىر پاختا سېتىۋېلىش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار ماشىنىدا مەشغۇلات قىلىپ يېڭى پاختىلارنى توشۇماقتا.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى)

  پاختا يىغىش ماشىنىسى يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساش كارخانىلىرى پاختا تېرىش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا ئاتلاندى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۈچ قۇرلۇق، ئالتە قۇرلۇق يۇمىلاق باغلاپ تايلاش، پاختا يىغىش ماشىنىسى شىنجاڭنىڭ كېۋەزلىكلىرىدىكى مۇھىم ياردەمچىگە ئايلاندى. (مۇخبىر لى جىخاۋ)

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.