تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا پاختا كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى

پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش نىسبىتىنىڭ %80كە يېتىشى مۆلچەرلەندى

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن پاختا يىغىش ماشىنىسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى توڭچىكە كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلماقتا (9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تارتىلغان). بۇ يىل لوپنۇر ناھىيەسى 1 مىليون 10 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىپ، ئۇرۇق سېلىش، ئېتىز پەرۋىشىدىن ھوسۇل يىغىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. □ ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا پاختا ئارقا - ئارقىدىن كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون (يەرلىك) بويىچە 2 مىليون 500 مىڭ مودىن كۆپرەك يەردىكى پاختا يىغىۋېلىنغان، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 400 نەچچە مىڭ مو ئاشقان، يەرلىك ۋە بىڭتۇەندە جەمئىي 7000دىن ئارتۇق پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغىش مەشغۇلاتىغا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش نىسبىتىنىڭ %80كە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.

ھازىر، ساۋەن شەھىرىدە مىليون مو يەردىكى كېۋەز غوزەكلىرى ئېچىلدى، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىلىرى ئاپئاق پاختا دېڭىزىدا توختىماي ئۆتۈشۈپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، بۇ يىللىق مول ھوسۇل ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى. كورلا شەھىرىدە پاختا يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى، پاختا يىغىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇ جاي پاختا يىغىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلار ئۈچۈن تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، پاختا يىغىش سۈپىتىنى مەنبەدىن ئۆستۈردى.

يېقىنقى مەزگىلدە، پاختىنى ئوڭۇشلۇق يىغىۋېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى پاختا يىغىش مەزگىلىدىكى سۈپەت باشقۇرۇش ۋە پاختا يىغىش ماشىنا - سايمانلىرىنى تەييارلاش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتتى. ھەرقايسى جايلار پاختا سۈپىتىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، كونترول قىلىپ، پاختىسى ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەزنىڭ يوپۇرمىقىنى تاشلىتىپ ئېچىلىشىنى تېزلىتىش مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە، مۇۋاپىق پەيتتە يوپۇرماق تاشلىتىش دورىسىنى پۈركۈش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېچىلىشنى تېزلىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ئۆلچەملەشكەن مەشغۇلاتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «يېڭى، كونا ئۈچ تالا» بويىچە باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتتى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا يىغىش ماشىنا - سايمانلىرىنىڭ تەمىنلەش - ئېھتىياج ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ماشىنا - سايمانلارنىڭ رايون ھالقىش ۋە كىرگۈزۈلۈش مىقدارىغا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پاختىنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەشغۇلاتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، يەرلىك، بىڭتۇەن ھالقىپ پاختا رايونلىرىدا پاختا يىغىشقا قاتنىشىۋاتقان پاختا يىغىش ماشىنىسى 1300دىن ئېشىپ، پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ماشىنىدا پاختا يىغىشتىكى كىشى بېشى باشقۇرۇش كۆلىمى 200 مودىن ئاشتى، باشقۇرۇش ئۈنۈمى قولدا پاختا يىغىشنىڭ ئۈچ - بەش ھەسسىسىگە توغرا كەلدى، دېھقانلارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، كېۋەز ئۆستۈرگەنلەر جاپا تارتماسلىق ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى تېپىپ چىقىلدى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولدى، پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ كېۋەز ئۆستۈرۈش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىش نىسبىتى %94تىن ئاشتى، تاۋار پاختا بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنىڭ نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىشىدىن ئۈمىد بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.