مۇبارەك بولسۇن! خەن شۈ 2022-يىللىق ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ياخشى سېپىگە تاللاندى
مۇھەررىر:
古丽洁合热·卡哈尔
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2022/10/02 22:30
2022-يىللىق ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى باتۇرلۇق بىلەن 2-لىككە ئېرىشتى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن كېيىنكى مۇكاپات تارقىتىشتا، 22 ياشلىق جۇڭگولۇق ماھىر خەن شۈ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى سەپكە تاللاندى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە خەن شۈ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مەيداندا 21.9 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، 12.4 نومۇرغا ئېرىشىپ، 8.4 قېتىم گاردىن قايتقانتوپنى تۇتۇۋالدى ۋە 1.8 قېتىم توسۇۋالدى. مۇبارەك بولسۇن! (خەلق گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لياڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر :
ئابلەت روزى
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.