تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى سىنلىق يىغىنى ئاچتى

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى سىنلىق يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ھازىرقى يۇقۇم ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، ھۆكۈم قىلىنىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى، بولۇپمۇ دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش ئالاھىدە ھەم مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە يەنىلا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى ۋە «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە «توققۇزغا يول قويماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەۋى قاراشنى ياخشىلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، ماسلاشتۇرۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇشى، سىياسەت، تاكتىكا ۋە شەكىل، ئۇسۇلنى ئەلالاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇقاتلام ۋەزىپە يۈكلەشتەك يىرىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىن ئىلمىيلەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇشى، ئىلمىيلىكى، ئۈنۈمدارلىقى ۋە قاراتمىلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دەل جايىدا تۈرگە ئايرىپ، ئىلمىي ئايرىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان رايونلارنى ئىمكانقەدەر دەنيۈەن، بىنا قاتارلىق كىچىك دائىرىگە ئايرىپ، پەرقلىق بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ دىققەتنى خېسۇەن تەكشۈرۈشتىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەش، خادىملارنى تەربىيەلەش، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىش، يەتكۈزۈش، تەكشۈرۈش، دوكلات قىلىش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، سودا ساراي، تاللا بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، مەكتەپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈشى، پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلار ۋە ئاچقۇچلۇق ئورۇنلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. تىرىشىپ مۇھىم ئېغىزلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئادەم، نەرسە، مۇھىت جەھەتتە تەڭ مۇداپىئە كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پورت، ئايرودۇرۇم، بېكەت - ۋوگزال قاتارلىقلارنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، كودنى سىكاننېرلاپ تىزىملىتىش، ساغلاملىق بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋە كىشىلەر ئۆلكە ھالقىپ يۆتكەلگەندە «چۈشكەن جايدا تەكشۈرۈش» قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشتىن چۈشۈپ قېلىش بىلەن تىزگىنلىيەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن قاتناشنىڭ راۋانلىقىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنىڭ قولايلىق، راۋان بولۇشى، كىشىلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەۋپ - خەتەرنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، رايون ئارا باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تاسقاپ تەكشۈرۈپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە ۋاقتىدا مەنبەدىن تەكشۈرۈپ، تېزدىن ئايرىپ، يۆتكەپ، بارلىق خەۋپ - خەتەر نۇقتىلىرى، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ زۆرۈر بولمىسا شىنجاڭدىن چىقماسلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتقا چىقىشى ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغان ئوقۇغۇچىلار، ئىشلەيدىغانلار قاتارلىقلارغا قارىتا پۈتۈن جەرياندا يېپىق ھالقىسىمان بولۇش قاتتىق تەلىپىنى قويۇپ، شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىرىلىدىغان مەھسۇلات، يۈك، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇم ئەۋج ئېلىپ كېتىش، سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبكە پۈكۈپ، ئاپتونوم رايون بىلەن يەرلىك ماسلىشىدىغان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىدىغان ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى بېجىرىش مېخانىزمىنى تەسىس قىلىپ، مەسلىھەت سوراش، ياردەم تەلەپ قىلىش، ئەرز قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قوبۇل قىلىش، بېجىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش، مەكتەپكە بېرىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. تەشۋىقات ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، سىياسەت ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا، توغرا، ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى پىكىرنى نازارەت قىلىپ يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەش؛ ئۆز جايىدا بايرام ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىنى رايون ھالقىپ سەپەرگە چىقىشنى ئازايتىپ، ماسكا تاقاش، قولنى پات - پات يۇيۇش، بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاش، توپلىشىۋالماسلىق قاتارلىق ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆز تەن ساغلاملىقىنى قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پائال قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر تۆۋەنگە چۈشۈپ نۇقتىدا تۇرۇپ نازارەت قىلىش - يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىقلارغا بولغان نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، تارماقلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھەرقايسى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.