9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزىنىڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا «تىيانشاندا ياڭرىغان ناخشا» ناملىق ناخشا بىلەن «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز» − 2022 - يىللىق مۇنەۋۋەر ئىجادىي ناخشا كېچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.
جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز» − 2022-يىللىق مۇنەۋۋەر ئىجادىي ناخشا كېچىلىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان بەختلىك تۇرمۇشىنى جانلىق نامايان قىلدى.
يىن شيۇمېي، ۋاڭ خۇڭۋېي، كامران كامىل، ئادىل ئابلىز، ئاراپات ئارسلان قاتارلىق ناخشىچىلار بېيجىڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتى خور ئۆمىكى، شەندۇڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئۇسسۇل شۆيۈەنى بىلەن بىرلىكتە پايتەختتىكى تاماشىبىنلارغا «تىيانشاندا ياڭرىغان ناخشا» «شىنجاڭنى سۈرەتلەيمەن» «شىنجاڭدىن سوراپ بېقىڭ» «قاناستىكى ئاي نۇرى» «شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىمەن» «قەشقەر كېچىسى» قاتارلىق شىنجاڭ خاسلىقى قويۇق بولغان، تېمىسى، ئۇسلۇبى كۆپ مەنبەلىك مۇنەۋۋەر ئىجادىي ناخشىلارنى ئورۇنلىدى. جاڭ گولى، جوۋ تاۋ «چېگرا رايوندىكى يۇرتۇم»نى قايناق ھېسسىيات بىلەن دېكلاماتسىيە قىلدى.
9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز» − 2022-يىللىق مۇنەۋۋەر ئىجادىي ناخشا كېچىلىكى نەق مەيدانىدا، ناخشىچى ۋاڭ خۇڭۋېي «شىنجاڭنى سۈرەتلەيمەن»نى ئېيتماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى
9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز» − 2022- يىللىق مۇنەۋۋەر ئىجادىي ناخشا كېچىلىكى نەق مەيدانىدا، ناخشىچى يىن شيۇمېي «شىنجاڭدىن سوراپ بېقىڭ»نى ئورۇنلىماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى
9-ئاينىڭ 29-كۈنى، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا، سەنئەتكار جاڭ گولى بىلەن داڭلىق رىياسەتچى جوۋ تاۋ «چېگرا رايوندىكى يۇرتۇم»نى بىرلىكتە دېكلاماتسىيە قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
9-ئاينىڭ 29 -كۈنى، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا، بېيجىڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتى خور ئۆمىكى، شەندۇڭ سەنئەت شۆيۈەنى ئۇسسۇل شۆيۈەنى ئورۇنلىغان ئارىلاش ئاۋازلىق خور «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» .
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
ناخشا كېچىلىكىنىڭ مۇزىكا باش نازارەتچىلىكى ۋە ئەدەبىيات باش نازارەتچىلىكىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كومپوزىتور جاڭ چيەنيى، سابىق 2-توپچىلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، تېكىست يازغۇچى چۈ يۈەن ئۈستىگە ئالدى، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سابىق ئۆمەك باشلىقى دىڭ ۋېي باش رېژىسسورلۇقنى ئۈستىگە ئالدى، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئورۇنلاش سەنئەتكارى پۇ سۈنشىن بىلەن بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى چۇن نى رىياسەتچىلىكنى ئۈستىگە ئالدى.
9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس ۋاڭ خۇڭۋېي «شىنجاڭنى سۈرەتلەيمەن»نى ئورۇنلىماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا، ياش ئايال ناخشىچى ياڭ شىيىنزى «قاناستىكى ئاي نۇرى»نى ئورۇنلىماقتا.
ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
يالغۇز كىشىلىك ناخشا، ئېيتىشىش، ماسلىشىپ ئېيتىش، خور قاتارلىق ئورۇنلاش شەكىللىرىنى قوللىنىش ھەم شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە چالغۇلاردا ئورۇنلاش ئارقىلىق، ناخشا كېچىلىكى تاماشىبىنلارغا سۈپەتلىك، خاسلىققا ئىگە، يېڭىلىق يارىتىلغان بەدىئىي گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلىدى، ئېسىل نومۇرلارغا تاماشىبىنلار توختىماي ئالقىش ياڭراتتى.
9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا، ئارتىس كامران كامىل «شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىمەن» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.
ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا، ناخشىچى تاڭ فېي «تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالى» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا، ناخشىچى لى شىنرۇڭ «خۇشاللىققا قاراپ ئاتلىنىش» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
«بەك ھاياجانلاندىم، لەرزان، يېقىملىق ناخشىلارنى ئاڭلاپ، شىنجاڭغا يەنە بارغاندەك بولدۇم.» تاماشىبىن خۇاڭ خۇيمىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر بەش يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا ساياھەتكە بارغان، شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ئادەملىرىمۇ قىزغىن ئىكەن، پۈتكۈل ساياھىتىمىز ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بولدى، شىنجاڭنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇردۇم، كېيىن يەنە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىم بىلەن بىللە گۈزەل شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىمەن.
9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا، ۋاڭ زىفېي «يوپۇغىنىڭ قۇم رەسىمى»نى ئورۇنلىماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا، ۋاڭ جېڭجېڭ «قىزغىن مۇھەببەت» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا، دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك ئارتىس ۋاڭ لى «ناراتتىكى مۇھەببەت ناخشىسى»نى ئېيتماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا، ئارتىس لى لۇڭ «ئېقىۋاتقان ئىلى دەرياسى»نى ئېيتماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا، دۆلەتنىڭ 1-دەرىجىلىك ئارتىسى ليۇ خېگاڭ «شىنجاڭ بىلەن ئۇچرىشىش» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتى «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق يازغۇچى، كومپوزىتورلارنى كۆپ قېتىم شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ تۇرمۇش ئۆگىنىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللىدى. بۇ قېتىمقى ناخشا كېچىلىكىدە نامايان قىلىنغىنى سەنئەتكارلارنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ تۇرمۇش ئۆگىنىپ ئىجاد قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇلار، سەنئەتكارلارنىڭ تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆككەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، گۈزەل شىنجاڭدىكى مەنزىرىلەر، ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ قايتا نامايان قىلىنىشى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى.