تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

​قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىشتا كەسكىن، تېز بولۇش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى دەل جايىدا، ئىلمىي بولۇش، مۇلازىمەت، باشقۇرۇش پۇختا، كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكىتلەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك، بىخەتەر، پۇختا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرگە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ، ئاممىۋى سورۇن، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، مەھەللىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ تارقىلىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش كېرەك. مەكتەپكە قايتقان ئوقۇغۇچىلار، يۈك تىرانسپورت شوپۇرلىرى، تۇرۇپ قالغان يولۇچىلار قاتارلىق شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا، ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە خېسۇەن تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا شىنجاڭدىن تەرتىپلىك ئايرىلىشقا تەشكىللەش كېرەك. خېسۇەن تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى تېزدىن ئۆستۈرۈپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، ئەۋرىشكە ئېلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئەۋرىشكە ئېلىش، يەتكۈزۈش، قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش، مەلۇم قىلىش»نى ئۇچۇرلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، «تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەش» ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە خىزمەتچى خادىملارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، رايون ھالقىپ، ئىش ئورنى ھالقىپ مۇلازىمەت قىلماسلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا، فاڭساڭ، مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خىزمەت يېپىق ھالقىسىمان بولۇش، تەرتىپ يېپىق ھالقىسىمان بولۇش، تەدبىر يېپىق ھالقىسىمان بولۇش، مەسئۇلىيەت يېپىق ھالقىسىمان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، تۇنجى دىياگنوز قويغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە جىددىي، خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە «قايتا قاراپ چىقىش»نى كۈچەيتىپ، «ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش»، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش قاتارلىقلارنى قەتئىي توسۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشتا قېيىپ كەتمەسلىككە، ئېغىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن، ليۇ سۇشې، ليۇ خۇيجۈن، جياۋ شياۋپىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.