تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى قالتىس نامايان قىلىندى

​شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىستېرېئولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى

9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر باش تېمىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا باشلاندى. شۇ كۈنى، باش تېمىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى يەرلىك كۆرگەزمە رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ بۆلىكى قالتىس نامايان قىلىندى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي خەۋەر قىلىدۇ: ئىللىق رەڭدىكى ئارقا كۆرۈنۈش تېمى، قىزىل رەڭلىك يايسىمان ئانار شەكىللىك LED ئېكران، ئائىلە سۈرىتى تېمىدىكى جىلۋىلىك تەبەسسۇملار... «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىگە كىرگەندە، ئىللىق ھىد دىماققا ئۇرۇلىدۇ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە، «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا باشلاندى. شۇ كۈنى، باش تېمىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى يەرلىك كۆرگەزمە رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ بۆلىكى قالتىس نامايان قىلىنىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر مەركەزلىك كۆرسىتىلدى.

شىنجاڭ بۆلىكى «سەمىمىي غەمخورلۇق − شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى» «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش − يۇرت تىنچ - ئامان بولغان يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلدى» «شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش − ئانارگۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولدى» «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش − باھار يامغۇرىدەك قەلبلەرنى ياشنىتىپ مول مېۋە بەردى» «خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش − بەختلىك تۇرمۇشقا كۈنسېرى يېڭى تۈس قوشتى» «شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش − ئاساسنى پۇختىلاپ، ئۇلنى كۈچەيتىپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى نامايان قىلدى»دىن ئىبارەت ئالتە بۆلەككە بۆلۈنگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشۋىق - تەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شيې گوخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۆرگەزمە كۆپ خىل شەكىلنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىش ئارقىلىق كۆرسىتىلدى. 200 پارچە سۈرەت، 18 گۇرۇپپا كۆپ ۋاسىتىلىك كۆرگەزمە تۈرى، 121 پارچە(يۈرۈش) ئەمەلىي بۇيۇم مودېلى قاتارلىقلار ئارقىلىق، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق نامايان قىلىندى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىستېرېئولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. كۆرگەزمىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قەتئىي ئىشەنچى، ئىرادىسى، ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك، خۇشال ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتى تولۇق نامايان قىلىندى.

شىنجاڭ بۆلىكىگە كىرگەندە، كۆرۈرمەنلەر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھېس قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى كۆرۈپ تەسىراتقا ئىگە بولدى، 10 يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم زور بۆسۈش توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

باش تېمىلىق تامدا قويۇلۇۋاتقان «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق سىن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ چەكسىز گۈزەل مەنزىرىسى ئىچىدە تۇرغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈردى، يىپەك يولىدىكى زامانىۋى مەركىزىي شەھەرنىڭ رەڭدار رىتىمى، كەڭ تەبىئەتنىڭ كۆركەم، ھەيۋەتلىك مەنزىرىلىرى، گۈزەل يېزا - كەنتلەردىكى بەختلىك تۇرمۇش... 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرى جۇش ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ھاياتىي كۈچكە ۋە ئۈمىدكە تولغانىدى.

كۆرگەزمە رايونىنىڭ مەركىزىدىكى دىيامېتىرى 2.6 مېتىر كېلىدىغان يايسىمان ئانار شەكىللىك بىر LED ئېكرانى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئېكراندا رەڭگى توق قىزىل، قىياپىتى ئەينەن ئانارغا ئوخشايدىغان غايەت زور مودېل نامايان بولۇپ تۇراتتى، توق قىزىل ئانار دانىلىرى ئىچىدە ھەر مىللەت بالىلارنىڭ خۇش تەبەسسۇمى ئۇرغۇپ تۇرغان چېھرى پۈتۈن ئېكراننى قاپلىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى.

شىنجاڭ دېھقانلىرى سىزغان ھەرىكەتچان ئۇزۇن يۆگىمە رەسىم شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ بىر يارقىن نۇقتىسى. بۇ ھەرىكەتچان ئۇزۇن يۆگىمە رەسىم LED ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانىدىن تۆتنى چېتىش ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسىدىكى دېھقان رەسساملار ئىجاد قىلغان 29 پارچە ئەسەردىكى ئاددىي، شوخ، دادىل، قىزىقارلىق تەسۋىرلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق، بەختلىك كۈندىلىك تۇرمۇش مەنزىرىسى سۈرەتلەنگەن، تۇرمۇش پۇرىقى، يەرلىك پۇراق، زامانىۋى پۇراق ئېكراندا جانلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بەئەينى «يېڭى دەۋردىكى چىڭمىڭدىكى دەريا سەيلىسى» ناملىق رەسىمگە ئوخشايدۇ.

«بەك يېقىملىق تۇيۇلدى، مېنىڭ ئۆيۈم تۇرپاندىكى يېزىدا، بۇ رەسىمدىكى مەنزىرە يۇرتۇمدىكى مەنزىرە بىلەن ئوپمۇئوخشاش ئىكەن.» بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ 1 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى دىلمۇرات مويدىن ھەرىكەتچان ئۇزۇن يۆگىمە رەسىم ئالدىدا تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا ئېكسكۇرسىيەگە بىللە كەلگەن ساۋاقداشلىرىغا يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى، ساۋاقداشلىرىنى شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.

«مەن كۆرگەزمىگە شىنجاڭ بۆلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن.» بېيجىڭ داشۆنىڭ ئاسپىرانتى لى بوجىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بۇرۇندىنلا شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ باققۇسى بار ئىكەن.

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېھىر - مۇھەببىتى تىيانشاننى ئىللىتتى» ناملىق سۈرەتلەر تېمى، «مېنىڭ بەختلىك تۇرمۇشۇمغا قاراڭ» تېمىسىدىكى مىكرو سىن سېپى، 1100± كىلوۋولتلۇق توك ئالماشتۇرۇش تىرانسفورموتور مودېلى، يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئېلېكتىرونلۇق قۇم مودېلى... ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر بۆلەك سىن، ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم مودېلى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

«شىنجاڭ بۆلىكى قالتىس رەڭدار ئىكەن، بۇ 10 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى بېيجىڭلىق كۆرۈرمەن چېن ئەپەندى.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 12 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ ھەم تور كۆرگەزمە سارىيى يولغا قويۇلىدۇ. شۇ چاغدا كۆرۈرمەنلەر تور ئارقىلىق كۆرگەزمىنى كۆرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.