تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

مول ھوسۇل پەسلىدىكى ئەڭ گۈزەل «مەنزىرە»

9- ئاينىڭ 26- كۈنى، باغۋەن يەرلىك شاپتۇلنى كۆرسەتمەكتە. يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياندۇما يېزىسىنىڭ يۇقارقى يايلاق كەنتىدە ئۆستۈرۈلگەن 128 مو يەرلىك شاپتۇل ئۈزۈش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئۈزۈشنى تېزلىتىپ، بازارغا سېلىپ ساتتى.

تاڭ شياۋلۇ فوتوسى

 تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ليۇشۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لازا قۇرۇتماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يېزا دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «بىرتۇتاش تېرىش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، بىرتۇتاش سېتىش» ئەندىزىسى بويىچە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ لازىنى زاكاز بويىچە تېرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

  ۋۇ لې فوتوسى

9- ئاينىڭ 26- كۈنى، چەرچەن ناھىيەسى توغراقلىق يېزىسىنىڭ لەڭگەر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ھوسۇل ئالغان خۇڭشۇنى كۆرسەتمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسپى ۋە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، دېھقانلارنى يۇقىرى ھوسۇللۇق زىرائەت تېرىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

ئالىم تۇردى فوتوسى

    9-ئاينىڭ 21-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا يېزىسى جالغىز ئاغاش كەنتىدىكى ئاھالىلەر كۆممىقوناق يىغماقتا. ھازىر، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى 600 مىڭ مو ئېتىزلىقتا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى، كەنت ئاھالىلىرى ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ زىرائەتلەرنى جىددىي يىغىپ، ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى ياقا كەنتىدىكى 80 مودىن ئارتۇق يەردىكى ئالما ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، كەنت ئاھالىلىرى ئالما ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي ئالما كەسپىنى ياخشى قىلىپ، باغۋەنلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، ئالمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ۋۇ لې فوتوسى

8- ئاينىڭ 30-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئالاقاغا بازىرى بازار كەنتىدىكى لازا تېرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىكى 400 نەچچە مو يەردىكى چاۋتيەن قىزىل ئۇچلۇق لازىسى ئۈزۈش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، كەنت ئاھالىلىرى ئوچۇق ھاۋارايىنى چىڭ تۇتۇپ، لازىلارنى يىغىپ بازارغا چىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقاغا بازىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «بىرتۇتاش تېرىش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، بىرتۇتاش سېتىش» ئەندىزىسىگە ئاساسەن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، لازا زاكازلىق تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

ۋۇ لې فوتوسى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئ‍ۆستەڭ يېزىسى لەڭگەر كەنتىدىكى 3000 مو ياڭاق ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ يىغىپ، ئايرىپ، توشۇدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق تېرىشنى پائال كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ئاممىنىڭ ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىشكە ۋاقتىدا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  فەن كەي فوتوسى

 

 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساۋەن شەھىرىنىڭ ئۇلان ئۇس بازىرى خۇاڭجيالياڭ يېڭى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ھوسۇل ئالغان خۇڭشۇنى كۆرسەتمەكتە. يېقىندا، ساۋەن شەھىرىنىڭ ئۇلان ئۇس بازىرىدا تېرىلغان 1600 مو خۇڭشۇ يىغىش مەزگىلىگە كىردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بازارنىڭ 40 نەچچە يىلدىن ئارتۇق خۇڭشۇ تېرىش تارىخى ۋە تەجرىبىسى بار بولۇپ، كىچىك تاتلىق خۇڭشۇ، ھەسەل خۇڭشۇ، زىشۇ، شياڭجياۋ خۇڭشۇ، بەنلى خۇڭشۇ قاتارلىق نۇرغۇن سورت بار ئىكەن.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

  

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.