تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېقىنلاشتى ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىپ چىقىشتا شەخسىي مۇداپىئەگە سەل قارىماڭ

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى، ئاھالىلەر ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىپ-چىققاندا، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر بولمىغان تۇرۇش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چېن ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر خىل ئاممىۋى سورۇنلار، قاتناش بېكەتلىرى، نۇقتىلىرى ۋە ئاممىۋى رايونلار قاتارلىق جايلارغا بارغاندا، مەيدان-سورۇن كودىنى سىكاننېرلاپ تەكشۈرۈتۈش ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشكە ئاڭلىق ماسلىشىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا ياكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىنى ئۆلچەملىك تاقاپ، بىخەتەر ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  9 -ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى شياۋشىمېندا، كىشىلەر ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بازار ئايلىنىپ، مال سېتىۋالماقتا.

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

  چېن ۋېي شەھەر ئاھالىلىرىگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، سودا ساراي، تاللا بازارلىرىغا مال سېتىۋالغىلى بارغاندا، مال سېتىۋېلىش تىزىملىكىنى ئالدىن ياخشى تۈزۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى مال سېتىۋېلىش نۇقتىلىرىنى تاللاپ، كىشىلەر ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە سەپەرگە چىقىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، مال سېتىۋالغاندا توختاش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك. ئاپتوماتىك مال سېتىۋېلىش، ئۇچراشمايدىغان كود سىكاننېرلاپ ھەق تۆلەشنى ئالدىن تاللاپ، ئۆچىرەتتە تۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك.

  بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يىغىلىش خاراكتېرلىك غىزالىنىش پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشىنى، تۈرلۈك ئائىلە، دوستلار كوللېكتىپ يىغىلىشلىرىنى ئاڭلىقلىق بىلەن تەشكىللىمەسلىكى، قاتناشماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. «گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش ئۈچۈن، بىز شەھەر ئاھالىلىرىگە ئامال بار ۋەيمەي بۇيرۇتۇش ياكى قاچىلاپ ئېلىپ كېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سىرتتا تاماق يېمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېدى چېن ۋېي.

  دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاھالىلەر باغچە، كىچىك باغچىلاردە سەيلە قىلغاندا، كىشىلەر توپلاشقان رايونلارغا بېرىشتىن ساقلىنىشى، بولۇپمۇ، ئاممىۋى تەنتەربىيە سايمانلىرى، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە قول تازىلىقىنى ياخشى ساقلىشى، قولنى يۇيۇشتىن بۇرۇن ئېغىز، بۇرۇن، كۆزىنى تۇتماسلىقى، ئەڭ ياخشىسى ئاقما سۇ ئىشلىتىشى، سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئەستايىدىل ئۇۋۇلاپ يۇيۇشى ۋە ياكى قول دېزىنفېكسىيەلەش دورىسى، دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ، ھەر ۋاقىت قولنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلىشى كېرەك.

  ئاممىۋى ھاجەتخانا رايونىغا قارىتا چېن ۋېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: تاماكا چېكىش، يان تېلېفون ئويناش، گىرىم قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش، ئىشىك تۇتقۇچى، تۇتقۇچ، سۇ قويۇپ بېرىش كۇنۇپكىسى قاتارلىقلارنى تۇتۇشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، قول تەگكەندىن كېيىن قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە پاكىز سۇ بىلەن قولنى يۇيۇش ياكى قول دېزىنفېكسىيەلەش دورىسى بىلەن ئىككى قولنى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. قولنى يۇيۇشتىن بۇرۇن، ئېغىز، كۆز، بۇرۇننى تۇتماسلىق كېرەك؛ ئولتۇرىدىغان ھاجەت تۇڭىنى ئىشلەتكەندە، دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغەز بىلەن ھاجەت تۇڭىنى سۈرتۈپ ياكى بىر قېتىملىق ھاجەت تۇڭى قەغىزى قويۇپ ئ‍ولتۇرۇش، ھاجەت قىلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ھاجەت تۇڭىنىڭ قاپقىقىنى يېپىپ، ئاندىن سۇ قويۇپ بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.