تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

دېھقانلار مول ھوسۇل ئالدى شىنجاڭ تېكەس: 1000 كۆچۈرۈپ تىكىش پارنىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئاشۇردى

  9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى خۇجىرتى يېزىسى ئالغا يېڭى كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا، قاتار-قاتار يۇمىلاق، پارقىراق شوخلىلار شاخ-يوپۇرماقلار ئارىسىدىن جۇلالىنىپ، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، دېھقانلار ئۈزۈش، ئايرىش، يەشىككە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، پارنىكتىكى خۇشپۇراق ئەتراپقا تارىلىپ، كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسى مەۋقەنى ئېكولوگىيە، كىلىمات قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە قويۇپ، شوخلا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتتى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەم كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشى بىلەن، بىرتۇتاش مايسا يېتىشتۈرۈش، كۆچۈرۈپ تىكىش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق «يۈرۈشلەشكەن» مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ناھىيە شوخلا كۆچۈرۈپ تىكىش پارنىكىدىن 1000نى ياساپ، ئومۇمىي ھوسۇلى 10 مىڭ توننىغا يېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىدى.

(ئاپتورلار: فاڭ شۆنىڭ، خالىچە باغدات

ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.