ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي
9- ئاينىڭ 26- كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ جيافاڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ شوخلا پىششىقلاش سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار شوخلا قىيامى پىششىقلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «بۇ يىل شىركىتىمىز 25 مىڭ توننا پىششىقلىنىدىغان شوخلا سېتىۋالدى، بۇ يىل شوخلا قىيامىنىڭ باھاسى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى بىر يىل بولدى، شوخلا قىيامى ئېكسپورت زاكازى 3000 توننىدىن ئاشتى.» دېدى شىنجاڭ جيافاڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ گۇاڭخۇي.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى بايلىقنى زور كۈچ بىلەن بىرىكتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ ئېتىزدا تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پائال تەشۋىق قىلىپ ئۇدۇللاشتۇردى، شوخلا ياسالمىلىرى كارخانىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، دېھقانلار تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇردى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئېتىز- ئېرىق تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.
بىر شوخلا يىغىش ماشىنىسى يەنجى ناھىيەسى شىگشىن بازىرىدىكى شوخلا ئېتىزىدا مەشغۇلات قىلىۋاتىدۇ.
ما يۆ فوتوسى
يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن بازىرى سانباقباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىبراھىم ھېكىم بۇ يىل 100 مو يەرگە پىششىقلىنىدىغان شوخلا تېرىدى، مايسا كۆچۈرگەندە، كارخانا ۋە يېزىدىكى تېخنىك خادىملار ئۇنى پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، قانداق سورت تېرىسا ھوسۇلى يۇقىرى بولىدىغانلىقى، قانداق ئوغۇت ئىشلىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ياردەم بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، شوخلىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالدى.
«بۇ يىل شوخلا ياخشى ئۆستى، مۆلچەرىمچە كىرىمىمىز 400 مىڭ يۈەن بولۇشى مۇمكىن.» ئىبراھىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى شوخلا ئۈزۈشتە ئۆزىمىز ئىشچى ئىزدەيتتۇق، ئون نەچچە كۈندە ئاران ئۈزۈپ بولالايتتۇق، شوخلا قىيامى زاۋۇتى بىلەن توختام ئىمزالىغاندىن بۇيان، شوخلا قىيامى زاۋۇتى ئىشچىلارنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋالدى، ئەمدى بۇنىڭغا باش قاتۇرمايدىغان بولدۇم.
بۇ يىل شوخلا يىغىش مەزگىلىدە، بايىنغولىن ئوبلاستى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ زىچ بولغان مەنپەئەت باغلاش مېخانىزمىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئاپتوموبىللارنى رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىش ۋە خادىملارنى يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ، بازار زاكازىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يىغىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ شوخلا پىششىقلاش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى.
دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بايىنغولىن ئوبلاستى يەنە خاس كەسىپلەردە ئىنچىكە پىششىقلاشنى كۆزلەپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، جۇڭلياڭ تۇنخې، دىفاڭ يېمەكلىكى، جيافاڭ يېمەكلىكى، خۇڭفەن بىيولوگىيەسى قاتارلىق بىر تۈركۈم شوخلا پىششىقلايدىغان كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، لىكوپېن ئىچىملىكى، شوخلا ئۇرۇقى مېيى، شوخلا ئاچچىقسۈيى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىپ، شوخلىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.
«بۇ يىل بايىنغولىن ئوبلاستىدا 125 مىڭ مو يەرگە شوخلا تېرىلدى، بىرلىك ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن 300 كىلوگرام ئەتراپىدا ئاشتى، ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ بىر مىليون توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى.» بايىنغولىن ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى يېزا- كەنت كەسىپلىرى ۋە بازار ئۇچۇرلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ كادىرى گې لىخۇڭ مۇنداق دېدى: شوخلىنى پىششىقلاشتا ئاساسلىقى شوخلا قىيامى، لىكوپېن قاتارلىقلار پىششىقلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ھەم كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.