تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا مول ھوسۇل پەسلىدە مېۋىلەرنىڭ خۇش پۇرىقى ھەممە يەرگە تارالدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

ئالتۇن كۈزدىكى 9- ئايدا، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالى باغ- ئورمان مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، تاتلىق مېۋە- چېۋىلەر كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى، باغۋەنلەر ئۈزۈپ، قاچىلاپ توشۇپ، ساتتى، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مېۋە ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 8 مىليون 700 مىڭ توننا ئەتراپىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن، نۆۋەتتە، ياڭاق، نەشپۈت، شاپتۇل، بادام قاتارلىقلار يىغىش ئاۋات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار سېتىۋېلىش، سوغۇق ساقلاش، ئوراپ قاچىلاش، توشۇش قاتارلىق كارخانىلار (ھەمكارلىق كوپىراتىپى)نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ۋە سېتىش سودىگەرلىرى بىلەن كېلىشىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش، «يېشىل يول» ئېچىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مېۋە ساقلاش، توشۇش ۋە سېتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەۋېتىپتۇ.

ھازىر كورلا نەشپۈتىنى ئۈزۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كورلا شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، پىدائىيلار جايلاردىكى نەشپۈتلۈكلەردە دېھقانلارغا ياردەم بېرىش نەشپۈت ئۈزۈش پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە، كورلا نەشپۈتىنىڭ %80ى ئۈزۈپ بولۇندى، 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا نەشپۈتنىڭ ھەممىسى ئۈزۈپ بولۇنىدۇ.

كورلا شەھىرى مېيشۇ دايۇەنزى تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى نەشپۈت ئۈزۈۋاتىدۇ.

يۆ سىيىڭ فوتوسى

«بۇ يىل كورلا نەشپۈتىنىڭ قەنت مىقدارى 13.5 دەرىجىگە يەتتى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەتتا 15 دەرىجىگە يەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى تارقاق نەشپۈت ئۆستۈرۈشنى كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈشكە ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، 100 مىڭ موغا يېقىن تۆۋەن ھوسۇللۇق مېۋىلىك باغنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، مېۋە سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كورلا نەشپۈتىنىڭ تاۋار مېۋە نىسبىتىنى %80تىن ئاشۇردى، مەيلى قەنت دەرىجىسى، تاشقى كۆرۈنۈشى، تەمى جەھەتتە بولسۇن تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى.» دېدى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق كورلا نەشپۈتى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى شېڭ جېنمىڭ.

كورلا شەھىرىدىكى مېيشۇ دايۈەنزى تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۇتاش نەشپۈتلۈكىدە، كوپىراتىپ ئەزالىرى نەشپۈت ئۈزۈش، ئاپتوموبىلغا بېسىش، ئامبارغا كىرگۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئۆلچەملەشكەن ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغاچقا، بۇ يەردىكى نەشپۈتلەرنىڭ رەڭگى كىشىنى مەپتۇن قىلىپ، خۇش پۇرىقى تۆت ئەتراپقا تارىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى سودىگەرلەر تەرىپىدىن زاكاز قىلىنىپ بولدى. «ئائىلىمىزنىڭ 13 مو بېغى بار، بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا ئوبوروت قىلىپ بەردۇق، مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا نەشپۈت ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپلا قالماي، ھەر ئايدا يەنە مۇقىم كىرىم قىلدىم، كېيىنكى مەزگىلدە نەشپۈتنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە پايدا تەقسىملەپ بېرىدۇ، ئائىلەمنىڭ كىرىمى يىلدىن- يىلغا ياخشى بولۇۋاتىدۇ.» دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ئارزۇگۈل غوپۇر.

خوتەن ۋىلايىتىدە، 1 مىليون 730 مىڭ مو يەردىكى ياڭاق پىشىپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، دېھقانلار ياڭاق يىغىش، ماكلاپ يۇيۇش، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. چىرايىدىن مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇرغان خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرى گۇچېڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرئەخمەت ئىمىن مۇنداق دېدى: مۆلچەرىمچە، بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ ياڭاقلىقىدىن 28 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز.

قەشقەر شەھىرىنىڭ بەشكېرەم يېزىسى ئۈزۈمدىن ھوسۇل ئېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

دۇڭ شياۋ فوتوسى

قورغاس ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر بازىرى لياڭسەنگۇڭ كەنتىدىكى تيەنچېڭ ئۈزۈم قورۇقىدا، دانىسى توق ساپ- ساپ ئۈزۈملەر شۇڭلاردا لىققىدە ئېسىلىپ تۇراتتى، ئىشچىلار 9- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۈزۈم ئۈزۈشكە باشلىدى. ئۈزۈم قورۇقىدا 310 مو قىزىل يەرشارى ئۈزۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، ھوسۇلى 300 توننىغا يېتىدىكەن، ھازىر ئۈزۈلۈپ ئامبارغا كىرگۈزۈلگىنى 100 توننىدىن ئاشىدىكەن، ئاساسلىقى دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە سېتىلىدىكەن، بىر قىسمى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن.

ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭدا مېۋە سېتىۋېلىۋاتقان بېيجىڭلىق سودىگەر خەن يۈنخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 8- ئايدا باشلانغان يۇقۇم مېۋە يىغىش ۋە توشۇشقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى، لېكىن 9- ئاي كىرگەندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلارنىڭ مېۋە يىغىش، سېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئەھۋال كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. «بېيجىڭ بازىرىدا، كورلا نەشپۈتى ھازىر ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى، مەن تەخمىنەن 400 توننا كورلا نەشپۈتىنى سېتىۋالدىم، يېقىندا ئارقا- ئارقىدىن بېيجىڭ بازىرىغا توشۇپ ئاپىرىپ ساتىمەن، كېيىن يەنە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن سېتىۋېلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كورلا نەشپۈتىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىمەن.» دېدى خەن يۈنخۇا.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدا يىغىۋېلىنغان مېۋە تەخمىنەن 4 مىليون 710 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ %54ىنى ئىگىلىگەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 10- ئايدا شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمانچىلىقى سېتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.