تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يىلدا بىر كېلىدىغان يىغىم كاتتا كۆرۈنۈشى كەلدى!

ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا

بىڭتۇەن تۇپرىقىدا

پاختىلار كەڭ كۆلەمدە ئېچىلدى

چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىلىرى كېۋەزلىكتە موكىدەك ئۆتۈشۈپ مەشغۇلات قىلىپ

بىر گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى

  图片

بىڭتۇەن ئۆزگىچە بولغان

تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ

مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى قۇرۇپ چىقتى

ماشىنىلاشقان پاختا يىغىش كاتتا كۆرۈنۈشىنى

يەنىلا بىزنىڭ بىڭتۇەندىن كۆرۈش كېرەك!

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-شى ئارال شەھىرىدە پاختا يىغىش خىزمىتى باشلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.

جۇڭگو پاختىچىلىقىدا شىنجاڭغا قاراش

شىنجاڭ پاختىچىلىقىدا بىڭتۇەنگە قاراش كېرەك

2021-يىلى

بىڭتۇەن

پۈتۈن مەملىكەت تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ

تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان تېرىلغۇ كۆلىمىدە

پۈتۈن مەملىكەت پاختا ھوسۇلىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان

پاختا ئىشلەپچىقاردى

  2021-يىلى بىڭتۇەن پاختىسىنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى

  پاختا سۈپىتىگە دائىر ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ئىچىدە بەش تۈردە

  مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى

  2021-يىلى بىڭتۇەننىڭ ساپ پاختا بىرلىك ھوسۇلى

  160 كىلوگىرامغا يېتىپ

  پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى

  2021-يىلى، بىڭتۇەندە ماشىنىلاشقان پاختا يىغىش نىسبىتى

  %94.2كە يەتتى

  ئىزچىل تۈردە

  بىڭتۇەن كېۋەز تېرىش تېخنىكىسى ساھەسىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ

  يېزا ئىگىلىكىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى

  بۇ يىل

  بىڭتۇەن پاختىچىلىقى سىجىل «سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ»

  سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسى ۋە

  يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇردى

  بىڭتۇەن پاختىسى

  «قۇرۇق تېرىپ، ئاز-ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش»

  2022-يىلى بىڭتۇەننىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 12 مىليون 580 مىڭ موغا يەتتى

  «قۇرۇق تېرىپ، ئاز-ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» تېخنىكىسى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ قوللىنىلدى.

  «قۇرۇق تېرىپ، ئاز-ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» تېخنىكىسىدا ئەتىيازلىق سۇغىرىشنىڭ ھاجىتى يوق، تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالىغا تايىنىپ بىۋاسىتە تېرىلىدۇ، يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىشقا تايانغاندا، ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ %90ىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

  مايسا ئۈنۈپ چىقىش نىسبىتىنى %80 ئەتراپىدا بولۇشتىن %90تىن يۇقىرى بولۇشقا ئۆرلەيدۇ

  ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىش

  «بىڭتۇەندە ئىشلەپچىقىرىلغان»

  2022-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ تيەنئې زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 37 «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ئىشلەپچىقىرىلغان» ئالتە قۇرلۇق ئاپتوماتىك تايلاش پاختا يىغىش ماشىنىسى خېرىدارلارغا تاپشۇرۇلدى.

  «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ئىشلەپچىقىرىلغان» مەملىكەت بويىچە پاختا يىغىش ماشىنىسى كەسپىدىكى داڭلىق ماركا بولۇپ قالدى، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن ماشىنىدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %93كە يەتتى.

  ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسالغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ پاكىز يىغىش نىسبىتى %97كە يېتىپ، ئىمپورت قىلىنغان پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت دۆلىتىمىزنىڭ پاختا يىغىش ماشىنىسى كەسپىنى مونوپول قىلىۋېلىش ئەندىزىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپ بوشلۇقى تولدۇرۇلدى.

  سۈرەت / لى خۇابېي، يوۋ پەن

  ئىشلىگۈچى: خۇاڭ جۇمېي

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.