تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا مول ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلدى مېۋە-چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى كىشىلەرنى خۇشال قىلدى

  9-ئاينىڭ 25-كۈنى تاۋىنخامار كەنتىدىكى دېھقانلار ماشىنا ئارقىلىق شال ئورۇماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  يۈسۈپ غېنى فوتوسى

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شالنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى تاۋىنخامار كەنتىدىكى 550 مو ئەلا سۈپەتلىك شال پىشىش مەزگىلىگە كىردى، كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇپ، ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  9-ئاينىڭ 25-كۈنى تاۋىنخامار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئېتىزدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

  يۈسۈپ غېنى فوتوسى

  9-ئاينىڭ 25-كۈنى، تاۋىنخامار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ماشىنا بىلەن شال ئورۇماقتا.

  يۈسۈپ غېنى فوتوسى

  9-ئاينىڭ 25-كۈنى، تاۋىنخامار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى شالنى ئاپتاپقا سالماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  يۈسۈپ غېنى فوتوسى

  9-ئاينىڭ 26-كۈنى، بېسىن كەنتىدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، پىدائىي كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئۈزۈم ئۈزمەكتە.

  مۇرادىل ماناس فوتوسى

 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، بېسىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لازىنى ئاپتاپقا سالماقتا.

  مۇرادىل ماناس

  ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازىرى بېسىن كەنتىدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئۈزۈملەر ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ بازارغا سېلىشىغا ياردەم بەردى.

 

  9-ئاينىڭ 25-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى قىزىليار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئالقات ئۈزمەكتە.

  ليۇ شىنجيا فوتوسى

  ھازىر، دەل لازا ئۈزۈش، ئاپتاپقا سېلىش مەزگىلى بولۇپ، جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازىرى بېسىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈپ كەلگەن قىزىل لازىلارنى تاللاپ، يىلتىزىنى ئالدى، ھاۋانى لازىنىڭ خۇش پۇرىقى قاپلىدى.

  9-ئاينىڭ 25-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى قىزىليار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئالقات قاچىلىماقتا.

  ليۇ شىنجيا فوتوسى

  ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، مېۋىلىك دەرەخلەر شاخلىرىنى كۆتۈرۈلمەي قالغانىدى، جىڭ ناھىيەسىدىكى 100 مىڭ مودىن ئارتۇق ئالقاتتىن مول ھوسۇل ئېلىندى. جىڭ ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازار، مەيدانلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئالقات يىغىش خىزمىتى مەخسۇس بەنىنى تېزدىن قۇرۇپ، ئالقاتنى ئۈزۈش، سېتىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى ياقا كەنتىدىكى 80 مودىن ئارتۇق يەردىكى ئالما ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، كەنت ئاھالىلىرى ئالما ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  ۋۇ لې فوتوسى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي ئالما كەسپىنى ياخشى قىلىپ، باغۋەنلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، ئالمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئ‍ۆستەڭ يېزىسى لەڭگەر كەنتىدىكى 3000 مو ياڭاق ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ يىغىپ، ئايرىپ، توشۇدى.

  فەن كەي فوتوسى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق تېرىشنى پائال كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ئاممىنىڭ ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىشكە ۋاقتىدا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ​

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.