تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

​ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر ھۆكۈم قىلدى، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەر ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆزگەرتىپ، تاكتىكا - تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەت قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى، دەللىكى، قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ياخشىلىدى، مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا، ما شىڭرۇي بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق بۇ جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە ماددىي ئەشيا كاپالىتى، كېسەل كۆرسىتىش - داۋالىنىش، شىنجاڭدىن ئايرىلىپ مەكتەپكە قايتىش، «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كۆپچىلىك بىلەن ۋەزىيەت، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى، نۇقتىلىق تاكتىكا - تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى (قوماندانلىق ئىشتابى) يىغىنى، مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى، سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار يىغىنلارنى ئېچىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر كۆپ قېتىم ھەر دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى، مەھەللە قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كۆپلىگەن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا نۇقتىلىق رايونلارغا بېرىپ نازارەتچىلىك قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تەرەپلەر تېز ھەرىكەتكە كەلدى، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خادىملىرى قاتارلىق كەسپىي كۈچلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن قاتناشتى، ھەر مىللەت ئامما ئاڭلىق بويسۇنۇپ، چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، پائال ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە يەنە نۇرغۇن مەسىلە ۋە كەمتۈكلۈكلەر ئاشكارىلاندى، ئايرىم رايونلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە يەنىلا تىركىشىش ھالىتى كۆرۈلدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە يەنە مۇرەككەپلىك، مۈشكۈللۈك، تەكرارلىنىش ۋە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور، بوشىشىپ قېلىشقا، بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى ۋە «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە «توققۇزغا يول قويماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ قاراشنى ئۆزگەرتىش، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئائىت خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكىنى، دەللىكىنى، قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈش «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ زۆرۈر مەزمۇنى، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش كېرەك، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا قارىتا ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا، ھەتتا يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىلغان ئەجىرنى يوققا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ، جەزمەن قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىشتا كەسكىن، تېز بولۇش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئىنچىكە، دەل جايىدا بولۇش، مۇلازىمەت، باشقۇرۇش پۇختا، كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، بالدۇر - تېز، ئىنچىكە - پۇختا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، يۆتكەش، ئايرىش، باشقۇرۇش - تىزگىنلەش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلار، پۈتۈن زەنجىرلىك يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بارلىق خەۋپ - خەتەر نۇقتىلىرى، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان كىشىلەرنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي باشقۇرۇش، تىزگىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاغرىق مىسالى ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پائالىيەت ئىزى ھەمدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن، دەل جايىدا تۈرگە ئايرىپ، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن رايونلارنى ئىلمىي بېكىتىپ، مۇناسىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، باشقۇرۇش تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى ۋە تاكتىكا - تەدبىرلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، قىيىنچىلىق ۋە ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ھەل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبكە پۈكۈپ، ئاممىنىڭ ئوي - پىكرى ۋە ئەندىشىسى، تەقەززاسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، كىرىم، ئىجارە ھەققى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىش، سېتىش قاتارلىق ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ھەل قىلىش، پائال تەشەببۇسكار بولۇپ خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئىنچىكىلىك، سەۋرچانلىق، ئىللىقلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش، ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش، ھاۋانىڭ سوۋۇشى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئاساسىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كەمتۈكلۈكلەرگە قارىتا، ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش، خادىملارنى تەربىيەلەش، رايونلار بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەتنى كونترول قىلىشنى چىڭىتىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئايرىش نۇقتىلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە زاپاس تەييارلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك؛ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ يۆتكەپ توشۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا كەسپىي كۈچلەرنى سەپلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا، توغرا، ئوچۇق - ئاشكارا ئېلان قىلىپ، تور ۋە تور سىرتى، دۆلەت ئىچى - خەلقئارا، چوڭ - كىچىك ئىشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چۈشىنىش، قوللاش، پائال ماسلىشىشقا يېتەكلەپ، ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، «تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەقىل - پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، ماسلاشتۇرۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇشى كېرەك، مەسئۇل رەھبەرلەر ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز كەسپى، ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ساھەسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى كېرەك. خىزمەت پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، بىر تەرەپلىمىلىكنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئاددىي ھالدا تاقىۋېتىپلا بولدى قىلىش، توختىتىپلا بولدى قىلىشنى قەتئىي توسۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئۇسۇللارنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. «قابىلىيەت يېتىشمەسلىك ۋەھىمىسى»، ئىقتىدار يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئامما خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش، زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، كان، قاتناش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، بىناكارلىق، يېقىلغۇ گاز، باغچە رايونى قاتارلىقلاردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.