تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چەكسىز كەتكەن مۇنبەت دالا، پەرەز قىپ بېقىڭلارچۇ؟ تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا نېمىلەردىن ھوسۇل ئېلىنغاندۇ

  كۈز شامىلى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلىدى دانلىق زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىندى

  9-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 9دىن 4 مىنۇت ئۆتكەندە

  بىز كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭشەلگەن كۈننى كۈتۈۋالىمىز

  بۇ كۈن ھەم 5-قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى

  بۇ پەسىلدە

  شال پىشىپ، بۇغداي دېڭىزى دولقۇنلىدى، باغلار مېۋە-چېۋىلەرگە لىق تولدى، بېلىق، قىسقۇچپاقىلار ئوبدانلا سەمرىدى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ھەممىلا جاي ھوسۇلدىن تارالغان خۇش پۇراققا تولدى

  كەڭ كەتكەن دالىدا

  ئاپتوماتىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرى

  موتورىنى گۈرۈلدىتىپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ

  مول ھوسۇل مېلودىيەسىنى ياڭراتتى

  دېھقانچىلىق قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ

  چېھرىدىن، كۆزلىرىدىن مول ھوسۇل خۇشاللىقى ئەكس ئەتتى

  بىز بىرلىكتە يېقىن بېرىپ كۆرۈپ باقايلى

  ئۇلارنىڭ ھەممىسى نېمىلەردىن مول ھوسۇل ئېلىۋاتقاندۇ

  تېرىلغۇ كۆلىمى 17 مىليون 371 مىڭ 500 مو

  ئومۇمىي ھوسۇلى 6 مىليون 552 مىڭ توننا

  بىرلىك ھوسۇلى ھەر مو يەرنىڭ 377.16 كىلوگىرام

  بۇ يىل شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا

  كۆلەم ئېشىش، ئومۇمىي ھوسۇل ئېشىش، بىرلىك ھوسۇل ئېشىشتىن ئىبارەت «ئۈچ ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ

  ئۇدا كۆپ يىل

  يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەت مۇستەھكەملەندى

  نۆۋەتتە

  شىنجاڭدا «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

  ئاپتونوم رايون (يەرلىك) بويىچە 2 مىليون 200 مىڭ موغا يېقىن يەردىكى كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىندى

  بۇنىڭ ئىچىدە، كۆممىقوناقنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى %90تىن ئاشقان

  دادۇر، ياڭيۇ تۈرىدىكى زىرائەت قاتارلىقلارنىڭ يىغىۋېلىنىش كۆلىمى

  بىردەك بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولغان

  چەكسىز كەتكەن مۇنبەت دالادا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ

  يەنە بىر يىل مول ھوسۇل ئېلىشتەك گۈزەل مەنزىرە سىزىپ چىقىلدى

  كۈزلۈك كۆكتاتتىن قوش ھوسۇل ئېلىندى

  قىشلىق گەمىلەرمۇ ئىشىكىنى چوڭ ئېچىپ «مېھمانلارنى قارشى ئالدى»

  پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ

  قىشلىق، ئەتىيازلىق كۆكتات تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىندى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

  شىنجاڭ تېرىقچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ

  ھەرقايسى جايلارنى

  خاس ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە پائال ئىلھاملاندۇردى

  بۇ يىل ياز، كۈزدىن بۇيان

  ھەر خىل ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن خۇشاللىق بىلەن مول ھوسۇل ئېلىنىپ

  دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇلدى

  قۇملۇقنىڭ چېتىدە

  تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە

  قىسقۇچپاقىلار سەمرىپ، بېلىقلار ئەي بولۇپ تەييار بولدى

  بۇ ئېسىل تەملەر

  بىزنىڭ تاماق ئۈستىلىمىزنى موللاشتۇردى

  يەنە تېخى شىنجاڭدىن «ئۇچۇپ چىقىپ»

  تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شىنجاڭ تەمىگە ئېغىز تەگكۈزدى

  مېۋىلەرنىڭ كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان خۇش ھىدى

  كۈز شامىلىغا ئەگىشىپ دىماقلارغا ئۇرۇلدى

  بۇ يىلدىن بۇيان

  شىنجاڭ

  باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ

  مېۋە ـ چېۋە ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 8 مىليون 700 مىڭ توننا ئەتراپىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى

  ئېگىزدە تۇرۇپ شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق

  كۈز مەنزىرىسىدە ھەم قېنىق رەڭ بار، ھەم سۇس رەڭ بار

  توق سېرىق رەڭ، قىزغىن قىزىل رەڭ، كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان يېشىل رەڭلەردىن

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى

  بەختلىك يۆگىمە رەسىملەر سىزىپ چىقىلدى

  بىز مول ھوسۇلنىڭ خۇشاللىقىدىن بىرلىكتە بەھرىلىنىپ

  گۈزەل شىنجاڭغا بەخت تىلەيلى

  تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان دېھقانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرەيلى

  كۈنلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا

  تۇرمۇشىمىزنىڭ يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرەيلى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.