تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى 22- چېسلا باشلىنىدۇ شىنجاڭلىق قىز دىلارە جۇڭگو كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش تىزىملىكىگە كىردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 2022-يىللىق ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 9- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 12 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ «شېنلۇ» ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئۈچ ئەزاسى خەن شۈ، ۋاڭ سىيۈ ۋە دىلارە دىلشات تاللاندى.

جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى 12 كىشىلىك تىزىملىكى. جۇڭگو ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىندى

تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھازىرقى ئاياللار ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسى)دە 2- لىككە، 2018- يىلى ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 6- لىككە ئېرىشكەنلىكىدىن ئىبارەت. خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان 2022- يىللىق ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچ تىزىملىكىدە، ئالدىنقى تۆت كوماندا تەرتىپ بويىچە ئامېرىكا كوماندىسى، جۇڭگو كوماندىسى، ئاۋسترالىيە كوماندىسى ۋە ياپونىيە كوماندىسى بولدى.

بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۇدا ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلىپ دەرىجە ئۆرلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 70كە قارشى 103 نەتىجە بىلەن ئەينى چاغدا دۇنيا بويىچە 5- ئورۇندا تۇرىدىغان ياۋروپادىكى كۈچلۈك كوماندا − فىرانسىيە كوماندىسىنى يەڭدى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكا كوماندىسى، پوئېرتورىكو كوماندىسى، بىلگىيە كوماندىسى، بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنا كوماندىسى، كورىيە كوماندىسى بىلەن بىللە A گۇرۇپپىغا ئايرىلدى.

2022- يىللىق ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى جۇڭگو كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇش جەدۋىلى. جۇڭگو ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىندى

خەن شۈ بىلەن ۋاڭ سىيۈ جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مۇتلەق ئاساسىي كۈچى بولۇپ، 2018- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ۋە توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2021- يىلى خەن شۈ، ۋاڭ سىيۈ ۋە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ئەزالار بىرلىكتە WCBA مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاڭ سىيۈنىڭ شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن بولغان توختام مۇددىتى توشۇپ، ئانا كوماندا − شەندۇڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قايتىپ كەتتى. 2021- يىلى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەن شۈمۇ شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن ئايرىلىپ، سىچۇەن ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوشۇلدى.

24 ياشلىق دىلارەنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.95 مېتىر بولۇپ، چوڭ ھۇجۇمچى ۋە ئوتتۇرا ھۇجۇمچى، ھازىر گۇاڭدۇڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتىدۇ.

دىلارە 1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 2009- يىلى، 11 ياشلىق دىلارە دۇ فېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن گۇاڭدۇڭ ياشلار ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوشۇلغان. 2014- يىلى دىلارە سەنشى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى (ئىجارە ئالغان) بىلەن بىللە WCBA مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو ياشلار ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى دىلارە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايراقدارى بولغان.

2015- يىلى دىلارە يېڭىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوشۇلۇپ، شۇ يىلى كوماندا بىلەن بىللە WCBA مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپ، 2- لىككە ئېرىشكەن. 2018- يىلى، دىلارە ئۈچ كىشىلىك ئاياللار ۋاسكېتبول دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، دىلارە ئانا كوماندا گۇاڭدۇڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن.

بىر نەچچە ئاي يىغىپ مەشىقلەندۈرۈلۈش ئارقىلىق، دىلارە يىغىپ مەشىقلەندۈرۈلۈش چوڭ تىزىملىكىدە ئۇزۇپ چىقتى. دىلارەنىڭ ئالاھىدىلىكى گار ئاستىدا قارشىلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بەدەن قۇۋۋىتى تولۇق، ئىرادىسى، پەزىلىتى قەيسەر. ئۇ جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى لى يۆرۇ بىلەن دۆلەت ياشلار كوماندىسى ۋە كۇلۇبتا ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلاشقان بولۇپ، ماسلىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.