ئاپتورلار: گاۋ لىجۈەن، چېن خۇڭچاۋ، خې لۇڭ
9 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى شياۋتۇن كەنتىدىكى لازا ئۆستۈرۈش بازىسىغا كىرگىنىمىزدە، قىپقىزىل «سىپىڭتۇ» لازىسى شاخلارغا لىق تولغانىدى، كەنت ئاھالىلىرى يېڭى لازىلارنى ئۈزۈپ ئاپتاپقا سېلىپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلاۋاتاتتى.
بۇ يىل، گۇچۇڭ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەلا سۈپەتلىك لازا سورتىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ تېرىش، پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. پۈتۈن ناھىيە بويىچە 6000 مو يەرگە كېچىكىپ پىشىدىغان «سىپىڭتۇ» لازىسى تېرىلىپ، مو بېشى ساپ كىرىمى 1500 يۈەنگە يەتتى، «سىپىڭتۇ» لازىسى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق «قىزىل بانكا»سىغا ئايلاندى.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: گۇچۇڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى