تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

كەنتتىكى ھەممە ئادەم ئۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ ياخشى ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

  «سەل تۇرۇپ ئىشىڭىز تۈگىگەندە مېنىڭ ئۆيۈمگە چۈشلۈك تاماققا بېرىڭ، يەڭگىڭىز سىز ئامراق لەڭمەن ئېتىۋاتىدۇ.» 9 - ئاينىڭ 14- كۈنى، شىخو شەھىرىنىڭ توتەي يېزىسى سازاۋۋوزا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سېرېكجان جۈمە ئېتىزدىكى تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسىنى يىغقاچ، ئېتىزدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان لى خۇڭشياڭغا شۇنداق دېدى. سېرېكجان بۇ مەزگىلدە لى خۇڭشياڭنىڭ خوتۇنى ۋە بالىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆيدە يالغۇز قالغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇنى چۈشلۈك تاماققا چاقىرىۋالدى.

  سېرېكجان بۇ يىل 52 ياش، لى خۇڭشياڭ 48 ياش، ئۇ ئىككىسىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. «كىچىك ۋاقتىمدا مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا ئامراق ئىدىم، مەن ئۇلارنىڭ تامىقىنى جىق يېگەن. ئىلگىرى مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ قوي باقاتتىم، كېيىن ئۇ ماڭا ئەگىشىپ يەر تېرىدى» دېدى لى خۇڭشياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  سازاۋۋوزا كەنتى دېھقانچىلىق كەنتى بولۇپ، ئاساسلىقى كېۋەز تېرىيتى. سېرېكجان بىلەن لى خۇڭشياڭ ھەر قايسىسى 180 نەچچە مو يەرگە كېۋەز تېرىغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ يېرى خۇددى ئىككى ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ قەلبى تۇتاش بولغىنىدەك ياندىشىپ تۇراتتى.

  «ئىلگىرى ئائىلىمىزدىكىلەر پادا باقاتتى. 15 يىل ئىلگىرى مەن كېۋەز تېرىشقا باشلىدىم، تېرىش تېخنىكىسىنى ئۇ ئۆگەتكەن.» سېرېكجان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندىمۇ، مەن ئوخشاشلا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، ئۇ مېنى نېمە تېرىڭ دېسە شۇنى تېرىيمەن، ئۇ يەرنى قانداق سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى دېسە، مەن شۇ بويىچە قىلىمەن».

  2018-يىلى، لى خۇڭشياڭ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قىممىتى 3 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان پاختا يىغىش ماشىنىسى سېتىۋالدى. شۇ يىلدىن باشلاپ، لى خۇڭشياڭ پاختا يىغىش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان سورتنى تېرىشنى تاللىدى. بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، لى خۇڭشياڭ يېڭى سورتنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «بۇ سورتتىكى كېۋەزنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئېچىلغاندىن كېيىنمۇ ئاسانلىقچە چۈشۈپ كەتمەيدۇ، تۈپ شەكلىمۇ بىرقەدەر يىغىنچاق بولۇپ، يىغىۋالغاندا ھەر مو يەرنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى يۇقىرىراق بولىدۇ» دېدى لى خۇڭشياڭ.

  سېرېكجانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، لى خۇڭشياڭنىڭ تېرىقچىلىق تەجرىبىسى تېخىمۇ مول بولۇپ، ئۇ لى خۇڭشياڭغا ئىشىنەتتى. «ئۇ دائىم توردا بەزى دەرسلەرنى ئاڭلاپ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ، مەندىن قابىلىيەتلىك، ئۇ قىلغاننى مەنمۇ قىلىشنى خالايمەن.» سېرېكجان ئېتىزدىن پات ئارىدا يىغىۋېلىنىدىغان پاختىغا قاراپ، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل يەنە مول ھوسۇللۇق يىل بولدى».

  سېرېكجاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، لى خۇڭشياڭ بىر چەتتە تۇرۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇمۇ ماڭا ئاز ياردەم قىلمىدى، مېنىڭ ئىشىم چىقىپ قالسا ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ ئۇنى ئويلايمەن، ئۇمۇ دەرھاللا كېلىدۇ. گەرچە بىر-بىرىمىزگە ياردەم قىلغىنىمىز ئۇنچە چوڭ ئىشلار بولمىسىمۇ، لېكىن سېرېكجان ئىككىمىز خۇددى پاختىغا دورا چاچىدىغان ئاشۇ تىراكتور ۋە دورا قۇتىسىغا ئوخشاش بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلالمايمىز».

  لى خۇڭشياڭ ئېيتقان تىراكتور ۋە دورا قۇتىسى بولسا ئالدىنقى ئىككى كۈندە ئۇلار كېۋەزگە يوپۇرماق چۈشۈرۈش دورىسى چاچقاندا ئىشلەتكەن ئۈسكۈنە. تىراكتور بولسا سېرېكجان ئائىلىسىنىڭ، دورا قۇتىسى بولسا لى خۇڭشياڭنىڭ. ھەر قېتىم كېۋەزگە دورا چاچقاندا، ئىككىسى ئىككى ئائىلىنىڭ نەرسىلىرىنى قۇراشتۇرۇپ، بىللە ئىشلىتىدۇ.

  سېرېكجان بىلەن لى خۇڭشياڭنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى 500 مېتىرمۇ كەلمەيدۇ. لى خۇڭشياڭ ھەر قېتىم ئېتىزغا بېرىپ ئىشلىگەندە سېرېكجاننى چاقىرىۋالاتتى، ئىككىيلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلمايتتى.

  سېرېكجان بىلەن لى خۇڭشىياڭنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىقىنى كەنتتىكى ھەممەيلەن بىلىدۇ. شىخو شەھىرى شىڭيۇەن سۇ ئىشلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سازاۋۋوزا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى جاڭ لياڭ كەنتتە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلغان بولۇپ، ھەمىشە لى خۇڭشياڭ بىلەن سېرېكجان ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرىدىن تەسىرلىنەتتى. «لى خۇڭشياڭ بىلەن سېرېكجان ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى. ئۇلار ھەم كەنتتىكى بېيىش باشلامچىلىرى، ھەم كەنتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرى. بىز ئۇ ئىككىسىنى ئۈلگە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتىمىز» دېدى جاڭ لياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.