تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

​7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر | 3 مىليارد 600 مىليون يۈەنلىك شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش زاكازى ئىمزالاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى) 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەخسۇس پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى مەخسۇس مەيدانى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى رەسمىي باشلاندى. شۇ كۈنى، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى جەمئىي 26 كارخانا ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى، نەق مەيداندا ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 3 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى.

9- ئاينىڭ 20- كۈنى، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى مەخسۇس مەيدانى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىدىكى كېلىشىم ئىمزالاش نەق مەيدانى.

مەرىپەت ھۈسەنجان فوتوسى

بۇ قېتىم ئىمزالانغان زاكاز قىلىنغان ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، ھەم دەسلەپكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەم ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار بار. كۆرگەزمە تەشكىلىي كومىتېتى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى ئىككى تەرەپنى دەل جايىدا ئۇدۇللىشىشقا ئالدىن تەشكىللەپ، كەڭ دائىرىدە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق مۇددىئاسىنى ئىپادىلەپ، بىر تۈركۈم ئۈنۈملۈك، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش ھەمكارلىق زاكازى ئىمزالىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى جەمئىيىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، يەنە بىر تۈركۈم شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلار بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش زاكازى ئىلگىرى سۈرۈلدى، سوممىسى 360 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىگە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 120گە يېقىن چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي سېتىۋېلىش سودىگىرى، سودىگەر ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا تەكلىپ قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى، يېزا ئىگىلىكى خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، شىنجاڭنىڭ خاس ياخشى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تۆت چوڭ بۆلەك تەسىس قىلىنغان، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى «ئىككى مەھسۇلات، بىر بەلگە» (يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى)دىن ئىبارەت ئىشەنچلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، خاس، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئۈنۈمى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان. كېيىنكى قەدەمدە، نەق مەيداندا كۆرگەزمە قىلىش، كېڭىشىش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرغاندىن باشقا، كۆرگەزمە تەشكىلىي كومىتېتى يەنە كۆرگەزمە سۇپىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى توردا تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى تور يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى پائال ئېچىشقا يېتەكلەپ، كۆرگەزمە نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارغا يۈزلەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.