تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى​

يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك​

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى   ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە سىنلىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىنىپ، نۇقتىلىق رايونلاردا جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، چېگرا سىرتىدا يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ئەۋجىگە چىقتى، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇم كۆپ نۇقتىدا تارقىلىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى گەرچە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئايرىم رايونلاردا جەمئىيەت قاتلىمىدا يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى يەنىلا تولۇق ئۈزۈلۈپ تاشلانمىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەنە نۇرغۇن خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېقىنلىشىپ قالدى، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى، توپلىشىش دەرىجىسى ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈز، قىش پەسلىدە تارقىلىشچان زۇكام ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى گىرەلىشىپ تارقىلىش خەۋپ - خەتىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ - خەتىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېشىپ، كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆپ قاتلاملىق بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى ۋە «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ باشقۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ۋە دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ھەرقايسى نۇقتىلىق رايونلار ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، «تېز، قاتتىق، دەل جايىدا، ئىنچىكە، ئەمەلىي» بولۇش تەلىپى بويىچە، تاكتىكا - ئۇسۇللارنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى پۇختا، قەدەم - باسقۇچلۇق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى قاتتىق، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان رايونلارنى ئىلمىي، دەل جايىدا ئايرىپ ۋە باشقۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان كىشىلەرنى قاتتىق باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، پۈتۈن زەنجىرلىك يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش، پۈتۈن ھالقىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك خېسۇەن تەكشۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، ئەسلىھە، ئادەم قاتارلىقلارغا دائىر قۇرۇلۇشلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش سۈپەت ئۈنۈمى ۋە پۈتۈن تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، يىغىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىش، ئايرىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىۋېتىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئايرىش سورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، تولۇق سەپلەپ، قاتتىق باشقۇرۇپ تىزگىنلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ نۇقتىلىق ئورۇنلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ كۆزلەپ، مەكتەپ، قۇرۇلۇش ئورنى، كۈتۈنۈش، پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملارنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، تارقىلىش خەۋپ - خەتىرىنى ھەقىقىي تۈگىتىش كېرەك. مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىقلار بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، كۈچ، بايلىقنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش كېرەك. ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمغا ئائىت نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا ئېلان قىلىپ، پىتنە - ئىغۋا ئويدۇرۇپ تارقىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنى يۇقۇمغا ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ۋاكسىنا ئەملەش، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقۇم كۆرۈلمىگەن ھەرقايسى رايونلار سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەۋقەنى ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، بالدۇر ئالدىنى ئېلىشنى كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەملىك سىرتتىن كىرىش ۋە قايتا كۆرۈلۈش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆمۈريول، تاشيول، ئايرودۇرۇم قاتارلىق مۇھىم تۈگۈن، ئۆتكەل ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقا، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى قاتارلىقلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادەم، نەرسە، مۇھىت قاتارلىقلارغا بولغان كۆپ خىل يول ئارقىلىق تەكشۈرۈشنىڭ سەزگۈرلۈكى، دەل جايىدىلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇم يۈزبەرگەندە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش، تېز سۈرئەتتە يوقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ دائىملىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملىق خېسۇەن تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، كىشىلەر زىچ توپلىشىدىغان، بوشلۇق ھىم ئېتىلگەن نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق سورۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدا بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم كۈچى سەپلەش، تەربىيەلەش ۋە ماددىي ئەشيا زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئايرىش سورۇنى، بەلگىلەنگەن ئورۇن ۋە فاڭساڭ دوختۇرخانىسى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇمنى تېز سۈرئەتتە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئاجىز ھالقىلار ۋە خەۋپ - خەتەر نۇقتىلىرىنى رەتلەپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسى بويىچە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تونۇش يېتەرلىك بولماسلىق، ئىقتىدار يېتەرلىك بولماسلىق، خىزمەت يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسەت - پەرمانلارنىڭ راۋانلىقىغا، بۇيرۇق، تەلەپلەرنىڭ جەزمەن ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش، زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى پۇختا، ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشى، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئىستېمالنىڭ تولۇقلىنىشى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ياڭ فاسېن، قادېن كەبىن، لى شۆجۈن، چېن مىڭگو، ليۇ سۇشې، ليۇ خۇيجۈن قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.