تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئوخشاش بىر سەھنە ئوخشاش بىر مېدال

9-ئاينىڭ 15-كۈنى تەنھەرىكەتچىلەر تاختا ئاياغ مۇسابىقىسىدە سۈرئەتتە بەسلەشمەكتە.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يۈسۈپ غېنى، نەن دىڭ فوتوسى،خەۋىرى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ئوبلاست، شەھەرلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش-بىڭتۇەنىدىن كەلگەن 1752 تەنھەرىكەتچى ئەزىمەت تەنتەربىيەدىن ئىبارەت بۇ كۆۋرۈك ئارقىلىق، بورتالا ئوبلاستىدا ئۇچرىشىپ،بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، كەسكىن ئېلىشىپ،تەنھەرىكەت خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، ئالغا بېسىش، ئىناقلىق، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنى نامايان قىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي 16 مۇسابىقە تۈرى ( 13ى تور سىرتىدا، ئۈچى توردا)، 10 ئويۇن قويۇش تۈرى(ھەممىسى توردا) تەسىس قىلىنىپ «تور + تور سىرتى» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزە بويىچە تەشكىللەپ ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە تۈرلىرىدە ھەم ئەنئەنىۋى مىللىيچە چەۋەندازلىق بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، تۆگە بەيگىسى قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان تۈرلەر بار، ھەم يېڭىدىن خېچيۇ توپى، توققۇز قۇمالاق ئويۇنى قاتارلىق يېڭى تۈرلەر تەسىس قىلىنغان، ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرىدىن ھەم دارۋازلىق، سارغايدى، قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش قاتارلىق روشەن مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇسابىقە تۈرلىرى بار، يەنە ساغلاملىق يەل گۇمپىسى ، تەيجى گۇمپىسى، مەيدان ئۇسسۇلى قاتارلىق ھەر مىللەت ئامما ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان ئاممىۋى تۈرلەر بار بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، يۇغۇرۇلۇشچانلىقىنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈردى.

9-ئاينىڭ 15-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر 1000 مېتىرلىق مىللىيچە ئات بەيگىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يۈسۈپ غېنى، نەن دىڭ فوتوسى،خەۋىرى

9-ئاينىڭ 15-كۈنى، تەنھەرىكەتچى ئات چاپتۇرۇپ ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلاريۈسۈپ غېنى، نەن دىڭ فوتوسى،خەۋىرى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يۈسۈپ غېنى، نەن دىڭ فوتوسى،خەۋىرى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يۈسۈپ غېنى، نەن دىڭ فوتوسى،خەۋىرى

سەھنىدە رەقىب، سەھنىدىن چۈشكەندە دوست. ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ، بىللە تۇرغان ۋاقىتلارنى قەدىرلىدى. (9-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان)

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر 3000 مېتىرلىق مىللىيچە ئات بەيگىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.