9- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 1ى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 23ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 4ى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 4ى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا 5ى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا 2سى (چېگرا سىرتىدىن كىرگەن)؛ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 8ى بار؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 3ى يېڭىدىن كۆپەيدى؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 5ى يېڭىدىن كۆپەيدى.
9- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 4ى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 37سىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.
9- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالى 11؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچى 396؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 3؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 7.
پايدىلانغان مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى