تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە نەزەر▕كاتتا مۇسابىقىنىڭ قالتىس ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئۇلار ئۈن-تىنسىز ئەجىر سىڭدۈردى

  9-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەيلى مەشىق مەيدان-سارايلىرىدا بولسۇن، ياكى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ رېپېتىتسىيە نەق مەيدانىدا بولسۇن، ھەممىسىدە ئاياللارنىڭ گۈزەل سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  9-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 7 دە، خۇبېيدىن كەلگەن «2000-يىللاردا تۇغۇلغان» غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى جاڭ شۇرۇي بورتالا شەھىرىدىكى بەيگە مەيدانىدا رېپېتىتسىيە قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئۇ ئاساسلىقى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى.

  «ھەرىكەت جايىدا بولسۇن، رىتىمغا ئەگىشىڭلار...» رېپېتىتسىيە نەق مەيدانىدا، داقا-دۇمباق ۋە نەغمە-ناۋا تەڭ ياڭرىدى، رەڭلىك ئەجدىھالار ئويۇن قويغۇچىلارنىڭ قولىدا موللاق ئېتىپ، ئوخشاش بولمىغان ھالەتلەرگە ئۆزگەردى. بورتالا ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسى، قوشۇمچە ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ خۈيخۈي باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاش ناخشا-ئۇسسۇلى «جۇڭخۇادا قول تۇتۇتۇش»قا يېتەكچىلىك قىلىشقا ياردەملىشىۋاتاتتى.

  «ناخشا-ئۇسسۇلدا ئاساسلىقى ۋەتىنىمىز گۈللەپ ياشنىغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەۋاتقان، ھەرمىللەت ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن گۈزەل يۆگىمە رەسىم ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ» دېدى خۇ خۈيخۈي.

新疆维吾尔自治区第十届少数民族传统体育运动会开幕式开场歌舞《中华手拉手》排练现场。(来源:胡辉辉提供)

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى مۇقەددىمىسىنى باشلاش ناخشا-ئۇسسۇلى «جۇڭخۇادا قول تۇتۇشۇش»نىڭ رېپېتىتسىيە نەق مەيدانى.( خۇ خۈيخۈي تەمىنلىگەن)

  يۈ شۇلىن بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بورتالا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن شەكىل چىقىرىپ تەپكۈچ تېپىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. «مەن موڭغۇل مىللىتىدىن، تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. بۇ قېتىملىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق مەن نۇرغۇن تەنتەربىيە ھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى بىلەن تونۇشتۇم.» يۇ شۇلىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ ساغلاملىقنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «ئۇ خىزمەتتە ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، يەنە ناھايىتى سەۋرچان.» بورتالا ساياھەت تىرانسپورت شىركىتىنىڭ شوپۇرى چېن ئۇستام بورتالا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خەلق ساقچىسى گو جىڭنى ماختىدى. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش مەزگىلىدە، گو جىڭ 30 ئاپتوبۇسنى رەتلىك توختىتىشقا قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل ئىدى. «بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان خادىملارنى توشۇشقا مەسئۇل ئاپتوبۇسلار، ئۇلارنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق كىرىپ-چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، شۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتساممۇ ئەرزىيدۇ» دېدى گو جىڭ.

  ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە پاكىز، رەتلىك، تەرتىپلىك، راھەت كەيپىيات بەرپا قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، بورتالا ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسى 200 نەپەر ئايال پىدائىينى شەھەر رايونىنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، بورتالا ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس يوۋ لىشيا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ بىر مۇھىم تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە ۋە سۇپا، بورتالا ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى «بىرلەشمە»نىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتچى خادىملار، پىدائىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئاياللار كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ.

  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.