تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن قانچىلىك بىلىسىز | سارغايدى: بوشلۇقتىكى قالتىس ماھارەت، خۇددى «ئاسماندا ئۇچۇۋاتقاندەك»

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

  ئېگىز بوشلۇقتا چۆرگىلەپ شامالغا جور بولدى، ئارغامچا باغلاپ ئۇسسۇل ئوينىغاندا خەتەرلىك ھەرىكەتلەر نامايان بولدى. شىنجاڭدىكى خەلق ئىچىدە جانلانغان مۇھىم كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بولغان سارغايدى بۇ قېتىم تور ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش سىن كۆرۈنۈشىنى كۆڭۈل قويۇپ لېنتىغا ئالدى.

mmexport1663066556451

  سارغايدى ئويۇنى. ئايگۈل تۇران تەمىنلىگەن

  سارغايدى بىر خىل چوڭ تىپتىكى دالا ھەرىكىتى تۈرى بولۇپ، كەڭ كەتكەن مەيدانغا ئېگىزلىكى تەخمىنەن 10 مېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق ياغاچنى ئوق قىلىپ تىكلەپ، ئوقنىڭ ئۇچىغا ئايلانما ياغاچ چاق ۋە توغرا ياغاچ ئورنىتىپ، چاققا كۆپ گۇرۇپپا ئارغامچىنى باغلاپ تۆۋەنگە ساڭگىلىتىدۇ، نومۇر ئورۇنلىغۇچى ئارغامچا ئۈستىدە ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلايدۇ. ئوقنىڭ ئاستى قىسمىغا يەنە بىر ئايلانما توغرا ياغاچ ئورنىتىلىدۇ، ئويۇن باشلانغاندا، مۇزىكىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، نۇرغۇن ئادەم ئوقنىڭ ئاستىدىكى توغرا ياغاچنى تەكشى ئايلاندۇرسا، چوققا قىسمىدىكى ياغاچ چاقمۇ ئايلىنىدۇ، ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئارغامچا ئۈستىدىكى نومۇر ئورۇنلىغۇچىنىڭ ئورنىمۇ تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ، بۇ خۇددى ھازىرقى زامان شادلىق باغچىسىدىكى ئېگىز بوشلۇقتا ئايلىنىدىغان پىرقىرىما ئورۇندۇققا ئوخشايدۇ.

  نومۇر ئورۇنلىغۇچى تۇرۇۋاتقان ئارغامچا يەنە بىر خىل شەكىلدىكى ئىلەڭگۈچ بولۇپ، ئارغامچىنىڭ ياردىمىدە ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۇچقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن گۈزەل ھەم خەتەرلىك ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى قىلىدۇ، خۇددى «ئاسماندا ئۇچۇۋاتقاندەك».

mmexport1663067392882

  سارغايدى ئويۇنى ئۈچۈن ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە «ئايلانما چوڭ ئىلەڭگۈچ» ياساشقا توغرا توغرا كېلىدۇ. ئايگۈل تۇران تەمىنلىگەن

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدا، ئايال ماھىرلار ئوچۇق كۆك رەڭلىك مىللىيچە ئۇسسۇل كىيىملىرىنى كىيىپ، ئارغامچىغا يامىشىپ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلدى، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ ئارغامچا ئۈستىدە ئىلەڭگۈچ ئۇچتى، ئارغامچىنى ئىككى پۇتىغا يۆگەپ تەتۈر ئېسىلىپ، ئىككى قولىنى كېرىپ ئۇسسۇل ھەرىكىتى قىلدى، ياغاچ چاقنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەرىكەتنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى بارغانسېرى ئاشتى.

  «سارغايدى نومۇرىنى ئەر-ئاياللار بىرلىكتە ئورۇنلايدۇ، ئارغامچىدا ئورۇنلايدىغىنى ئايال ماھىر بولۇپ، كەسپىي ئۇسسۇل ئارتىسى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ تۆۋەندىكى توغرا ياغاچنى ئايلاندۇرغۇچى ئەر ماھىرلار بولۇپ، تەنتەربىيە كەسپىدىكىلەر بولۇشى، تېنى قاۋۇل، ساغلام ۋە كۈچلۈك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ» دېدى سارغايدى تۈر تىرېنېرى ئايگۈل تۇران.

سارغايدى نومۇرى ئورۇنلايدىغان ئايال ماھىرلاردا كەسپىي ئۇسسۇل ئاساسى بولۇشى كېرەك. ئايگۈل تۇران تەمىنلىگەن

  سارغايدى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئىنتايىن چوڭقۇر ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇپ، ياشلار خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىدىغان ئويۇن پائالىيىتى، شۇنداقلا ياشانغانلار ۋە بالىلار ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئويۇن، ئۇنىڭدا ئورۇنلاش ماھارىتىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويۇلۇپلا قالماي، ئويۇن قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش خىزمىتىگىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ. 2009-يىلى، سارغايدى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى. قالتىس ماھارەتكە ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى ئىلگىرى كۆپ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، سارغايدى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

  «سارغايدىنىڭ مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت قىممىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىز تىرېنېرلار ۋە ئورۇنلىغۇچىلار ئۈزلۈكسىز تېخنىكا قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندۇق، ئورۇنلاش جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، نومۇر ئورۇنلاشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كىيىم لايىھەلەش، ھەرىكەت لايىھەلەش، نومۇر ئورۇنلاشقا مۇزىكا ماسلاشتۇرۇشنىڭ ھەممىسىنى دەۋر كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، سارغايدى ئويۇنىنى ئېسىل تۈرگە ئايلاندۇردۇق» دېدى ئايگۈل تۇران.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.