9- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 2سى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 25ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 5ى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 10ى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا 3ى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 7سى بار؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 2سى يېڭىدىن كۆپەيدى.
9- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 1ى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 37سىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.
9- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالى 14؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچى 411؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 2.
پايدىلانغان مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى