تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شەخسلەر ھېكايىسى| «بوشلۇقتىكى ئۇچار ئادەم» تۇران سىدىقجان

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇيىنگىرىچ

  «تۇرۇڭلار، زوڭزىيىڭلار، تۇرۇڭلار، زوڭزىيىڭلار...» 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دېيىلدى) ئارشاڭ شۆبە يىغىن مەيدانىنىڭ ئىلەڭگۈچ مۇسابىقە مەيدانىدا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى تۇران سىدىقجان سەپداشلىرى بىلەن بىللە ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ قوڭغۇراققا تەگكۈزۈش مەشىقى قىلىۋاتاتتى.

  9-ئاينىڭ 12-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ قوڭغۇراققا تەگكۈزۈش مەشىقى قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

  9-ئاينىڭ 12-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ قوڭغۇراققا تەگكۈزۈش مەشىقى قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

  «مەن كىچىكىمدىنلا تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرەتتىم، ئۇ تۇرمۇشۇمنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلانغانىدى.» بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن تۇران سىدىقجان ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ كۆكتوخا نەسىللىك چارۋا فېرمىسى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا تەنتەربىيە ھەرىكىتى ۋە تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1997-يىلى، تۇران سىدىقجان ئەلا نەتىجە بىلەن تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 2006-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق 6-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھارپىسىدا، تۇران سىدىقجان كەسپىي تىرېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىلەڭگۈچ مەشىقىگە قاتناشتى، ماھارىتى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، مۇسابىقىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىلەڭگۈچ تەنھەرىكەت ھاياتىنى رەسمىي باشلىغان.

  9-ئاينىڭ 12-كۈنى، تۇران سىدىقجان(ئوڭدا) كوماندا ئەزالىرىنىڭ پۇت تاختىسىنى تېڭىشىغا ياردەملەشمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

  9-ئاينىڭ 12-كۈنى، تۇران سىدىقجان(سولدا) كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىلەڭگۈچنىڭ ئارغامچىسىنى چىگىشىگە ياردەملەشمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

  تۇران سىدىقجان ھەمراھى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىلەڭگۈچ ئۈستىدە تۇرۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە پۇلاڭلاتقاندا، ئۆزئارا يېرىم زوڭزىيىپ ئىككى پۇتى ئۆزئارا تېگىشىدۇ، بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىكى ھەمراھىنىڭ ئىتتىرىشىدىن پايدىلىنىپ تەۋرىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ. «ئىلەڭگۈچ مۇسابىقىسى پەقەت ئاياللارنىڭ قاتنىشىشى بىلەنلا چەكلىنىدىغان بىر خىل مۇسابىقە تۈرى بولۇپ، ئېگىزلىك مۇسابىقىسى ۋە قوڭغۇراققا تەگكۈزۈش مۇسابىقىسىگە ئايرىلىدۇ، بىز بۇ قېتىم ئىككى تۈرلۈك مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىگە قاتنىشىمىز ھەمدە ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىپ، يېڭى ئېگىزلىكتىن بۆسۈپ ئۆتىمىز.» تۇران سىدىقجاننىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل ئۇنىڭ 3-قېتىم ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدىكەن، ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان، ھەرقايسى رايونلاردىن كەلگەن نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشۇپتۇ، ھەم چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپتۇ.

  9-ئاينىڭ 12-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ قوڭغۇراققا تەگكۈزۈش مەشىقى قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

  ھەرقايسى رايون ۋەكىللەر كوماندىسى ئەزالىرى بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە(9-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

  بۈگۈنكى كۈندە، تۇران سىدىقجان ئىلەڭگۈچ تىرېنېرىغا ئايلاندى ھەم ئۈچ نەپەر كوماندا ئەزاسىغا دەرس بەردى. «ئىلەڭگۈچ تىرېنېرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈم مەشىقلەندۈرگەن كوماندا ئەزالىرى بىلەن بىللە مۇسابىقىگە قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، بىز بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق جايلاردىكى تەنھەرىكەتچىلەردىن ئۆگىنىپ، سەۋىيەمىزنى نامايان قىلىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئارشاڭغا شەرەپ كەلتۈرىمىز» دېدى تۇران سىدىقجان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.