تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

15 يۈەنلىك ياتاق، ئىش ئورنىنى ھەقسىز تونۇشتۇرۇش! بۇ «كۈنلۈك ئىشلىگۈچىلەر بېكىتى» بەك ئىللىق ئىكەن

ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شيا

«مەن يېزىدىن شەھەرگە خىزمەت ئىزدىگىلى بېرىپ، ئۆيدىن ئايرىلغاندەك ھېس قىلمىدىم، خىزمەت ئىزدەشنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىلمىدىم، ئەلا سۈپەتلىك <نۆل ئارىلىق> ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدۇم»، دېدى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى، «كۈنلۈك ئىشلىگۈچىلەر بېكىتى» دەپ ئاتالغان كۇچا شەھىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىدە ئاسانلا خىزمەت تاپقان كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرىنىڭ يېڭىتۇر كەنتىدىكى دېھقان ئەنۋەر باسىت خۇشال ھالدا.

دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا، سىرتقا چىقىپ كۈنلۈك ئىشلەش نۇرغۇن دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. ئىلگىرى ئەنۋەر كۈنلۈك ئىشلىسە يېزىدىن چىقمايتتى، مەيلى ئەتراپتىكى قايسى كەنتكە بېرىپ ئىشلىسۇن، موتوسىكلىتنى مىنىپ ناھايىتى تېزلا ئۆيىگە قايتالايتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ كۇچا شەھىرىگە كىرىپ ئىشلىگۈسى بولسىمۇ، لېكىن شەھەردە تۇرىدىغان جايى بولمىغاچقا، بۇ ئويى ئىزچىل جايىدا قېلىۋەرگەنىدى.

كۇچا شەھەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىدە، خىزمەتچى خادىم چوڭ ئېكران ئارقىلىق خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

جاۋ شيا فوتوسى

بۇ يىل 7- ئايدا، ئەنۋەر باسىت ئىشداشلىرىدىن كۇچا شەھەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى كۈنلۈك ئىشلىگۈچىلەرنى خىزمەت ئىزدەش، ئىش ئورنى ئېلان قىلىش، ماھارەت ئۆگىتىش، يېمەك- ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق «يۈرۈشلۈك» مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئىش ئورنىنى ھەقسىز تونۇشتۇرۇپلا قالماي، يەنە بىر ئاخشىمى 15 يۈەنلىك ياتاقتا تۇرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىدى. بۇنىڭدىن ئەنۋەر بەك ھاياجانلاندى، ئۇ سىناپ بېقىش مەقسىتىدە كۇچا شەھەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىگە كەلدى.

«خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، مېنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇيۇمنى تەپسىلىي سوراپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسىنى تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن، ماڭا ئىش ئورنى تونۇشتۇردى. مەن شۇ كۈنى كەچتە ياتاققا ئورۇنلىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، ئىككىنچى كۈنىلا ئىشقا باردىم.» ئەنۋەر مۇنداق دېدى: «مەن بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا توشۇغۇچى بولدۇم، ھەر كۈنى 200 يۈەن كىرىم قىلالايمەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، خۇددى ئۆيۈمگە ئوخشاش ئىللىق ئىكەن».

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كۇچا شەھەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى ئىجتىمائىيلاشقان مەشغۇلات ئەندىزىسىنى قوللانغان بولۇپ، ئۈچىنچى تەرەپ ئىجتىمائىي كاپىتال ۋە ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئاپپارات ئۆزگەرتىش ۋە كۈندىلىك تىجارەتنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدىكەن. ھازىر ئاممىۋى مۇلازىمەت رايونى، غىزالىنىش، مال سېتىۋېلىش رايونى، ياتاق رايونى، كارخانىلارنى تونۇشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش رايونى، تۇرمۇش كۆڭۈل ئېچىش رايونىدىن ئىبارەت بەش فۇنكسىيەلىك رايون تەسىس قىلىنغان، يالغۇز كىشىلىك كارىۋاتتىن 132سى، ئەر- خوتۇن ئۆيىدىن 11 ئېغىز بولۇپ، ئاساسلىقى كۈنلۈك ئىشلىگۈچىلەرنى بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە ئۆتكۈنچى مەزگىللىك ۋاقىتلىق ياتاق، ئاددىي تاماق، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن، شەھەر- بازارلاردا تەرتىپلىك ئىشقا ئورۇنلاشقان بەزى يېزا ئەمگەك كۈچلىرى ئۇلارنى سەمىمىيلىك بىلەن «كۈنلۈك ئىشلىگۈچىلەر بېكىتى» دەپ ئاتايدىكەن.

كۇچا شەھەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىدە، خىزمەتچى خادىملار خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ مەسلىھەت سورىغان مەسىلىسىگە جاۋاب بەرمەكتە.

جاۋ شيا فوتوسى

«بىز كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، كۈنلۈك ئىشلىگۈچى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە ئىشچى ئىشلىتىش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلەشتۈرۈش، ماس قەدەمدە مۇلازىمەت قىلىش شەكلى ئارقىلىق كۈنلۈك ئىشلىگۈچىلەرنى سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ئىش ئورنى بويىچە تەمىناتى ۋە ئېھتىياجى، ھوقۇقىنى قوغداش كاپالىتى، ماھارەت تەربىيەسى قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر ھەپتىدە نەق مەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار بىلەن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر يۈز تۇرا، نۆل ئارىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، كۈنلۈك ئىشلىگۈچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنىڭ دەل جايىدا ئۇدۇللىشىشى، دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق»، دېدى كۇچا شەھەرلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ خاۋ.

جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان لوقمان ھېكىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىدا ھازىرقى تامچىلىق خىزمىتىنى تاپتى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇرۇن خىزمەت ئىزدىسەك، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا، بازارلارغا قاتراپ، بەك جاپا تارتاتتۇق. ھازىر شارائىت نېمەدېگەن ياخشى، بۇ يەردە قەرەللىك ھالدا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەنە تاماق يەيدىغان، ئارام ئالىدىغان جاي بار، پارتىيەنىڭ سىياسىتى <ياخشى>».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.