تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

«كىچىك جۇغلانما نومۇر» يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى«چوڭ ئېنېرگىيە»نى قوزغاتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن يەنچياڭ، لى شىنفاڭ)

«بىر تىيىنمۇ پۇل خەجلىمەي، كەنتتە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ يىغقان جۇغلانما نومۇرۇمغا بىر خالتا گۈرۈچ، بىر باك كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئالماشتۇردۇم.» نەچچە كۈن ئىلگىرى، بۈگۈر ناھىيەسى تارلاق يېزىسى قۇمدۆڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىبراھىم ھاشىم كەنتتىكى «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرى»دا جۇغلانما نومۇرغا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بۇيۇملارنى ئالماشتۇرۇپ، خۇشاللىقىدىن ئاغزى يۇمۇلماي قالدى.

ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىدە، كەڭ ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قانداق قىلىپ ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. قۇمدۆڭ كەنتى «تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەخلاق ئارقىلىق نومۇر جۇغلاش، نومۇرغا نەرسە ئالماشتۇرۇش» خىزمەت تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، 2021- يىلى 5- ئايدا «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرى» تەسىس قىلىپ، باشقىلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى مەنپەئەتلەندۈردى، شۇنداقلا مېھىر- شەپقەتنى «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مەدەنىي يېڭى كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلدى.

بۈگۈر ناھىيەسى تارلاق يېزىسى قۇمدۆڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرى»دا جۇغلانما نومۇرغا تاۋار ئالماشتۇرماقتا.

جاڭ چىفا فوتوسى

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تاللا بازىرىنى باشقۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈمى تۈزۈپ، جۇغلانما نومۇرنى باھالاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، «مېھىر- شەپقەت جۇغلانما نومۇر كارتىسى» ئىشلەپ، ئوڭ يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تەتۈر يۆنىلىشلىك چەكلەش تۈزۈمى ئارقىلىق، بارلىق ئاممىغا جۇغلانما نومۇر بەردى.

مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە قاتناشقانلارغا 10 نومۇر، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياشانغانلارنى باققان، كېسەل، مېيىپ تۇغقانلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلارغا 50 نومۇر، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ شۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىسىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلغان ھەم ئەمگەك توختامى ئىمزالىغانلارغا 100 نومۇر ... قۇمدۆڭ كەنتىنىڭ جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى تەپسىلىي قائىدىسى ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، تۇغقانلارنى ئەزىزلەش، ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىش، ئائىلىنى رەتلىك- پاكىز تۇتۇش، قىزغىنلىق بىلەن ئاممىۋى پاراۋانلىققا قاتنىشىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، يېشىل- مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئامما تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەر ئايدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئەزالىرى، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىدىن نومۇر قويۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ، نومۇر جۇغلاش سىستېمىسى ئۆلچىمى بويىچە، ئائىلىلەرگە نومۇر قويىدۇ ھەم ھەر قېتىملىق مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش، پارتىيە ئەزالىرى پائالىيىتى قاتارلىق ئىشلارغا بىرلەشتۈرۈپ، نومۇر ئېلىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېھقانلارغا نومۇر جۇغلاش كارتىسى تارقىتىپ بېرىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى نومۇر جۇغلاش كارتىسىغا ئاساسەن شەخسىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈركۈمگە بۆلۈپ ياكى بىر قېتىمدىلا «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرى»دا مۇناسىپ قىممەتتىكى تاۋارلارنى ئالماشتۇرىدۇ.

«بىز ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ نومۇر جۇغلاتقۇزدۇق، كەنتتىكى 297 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ھازىرغا قەدەر جۇغلىغان نومۇر 325 مىڭغا يەتتى، 90 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى مۇناسىپ تاۋارلارنى ئالماشتۇردى. بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئائىلىنىڭ جۇغلانما نومۇرى 9180گە يەتتى.» بۈگۈر ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ قۇمدۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى مەمەتئېلى نۇر مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرى»نىڭ مەبلىغى ئاساسلىقى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش خىراجىتى ۋە كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىدىن كەلگەن.

«يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرى»غا كىرسىڭىز، مال جازىسىدىكى نەرسىلەر گەرچە كۆزنى چاقناتقۇدەك بولمىسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار. بۇنىڭدا گۈرۈچ، ئۇن، ماي قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە توك قازان، ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئوچاق، توك پار قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ھەمدە ئوقۇش قوراللىرى، بوغچا قاتارلىقلار بار، كەنت ئاھالىلىرى تاۋاردا ئەسكەرتىلگەن جۇغلانما نومۇرغا ئاساسەن مۇناسىپ تاۋارلارنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

«يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرى» قۇمدۆڭ كەنتىگە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى: كەنت يولىدا ئەخلەت ئازايدى، ھويلا- ئارانلار پاكىزلىنىپ، رەتلەندى؛ قوشنىلار ئارىسىدىكى زىددىيەت ئازايدى، مۇناسىۋەت تېخىمۇ ئىناق بولدى؛ بىكار يۈرىدىغان كىشىلەر ئازايدى، پىدائىيلار كۆپەيدى... «كىچىك جۇغلانما نومۇر» ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈردى، شۇنداقلا «چوڭ مەدەنىيلىك»نى نامايان قىلدى.

«تاللا بازىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ئاشتى.» كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نۇرزات قاسىم مۇنداق دېدى: تاللا بازىرى ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى، كادىرلارنىڭ خىزمىتىدە تۇتقا بار بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى «زور ئېنېرگىيە»نى قوزغاتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، كەنتىمىز ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش داۋامىدا تۈرلۈك مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.